مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    قىزىل ساياھەتچىلىكنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەش كېرەك

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-19 13:41:44شىنجاڭ گېزىتى

    ۋاڭ شۇماۋ

     ‹‹ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە›› بولۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بارلىققا كەلگەن ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە جايلارنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. قىزىل ساياھەتچىلىكنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى دەۋردە قىزىل ساياھەتچىلىكنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېڭى ئىزدىنىش بولۇپ، ئۇ ‹‹13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان›› مەزگىلى، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك قىزىل ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە تەرەققىيات كۈچەش نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

     قىزىل ساياھەتچىلىكنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قىزىل ساياھەتچىلىكتە تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى بولۇپ، قىزىل ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا؛ قىزىل ساياھەتنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىزىل ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە؛ قىزىل ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىرىكمە قىزىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى قىزىل ساياھەت نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلەندۈرۈشكە؛ تەسىر كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، داڭلىق قىزىل ساياھەت ماركىسى يارىتىشقا پايدىلىق. قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قاراشنى ئۆزگەرتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ، ھازىرقى مەزگىلدە قىزىل ساياھەتنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۈچ تايانچ.

     قاراشنى ئۆزگەرتىش قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ رېئال تەلىپى. قىزىل ساياھەت ساياھەتچىلىكتىكى يېڭى كەسىپ ھالىتى بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قىزىل ساياھەت ئاساسلىقى ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە رايونىدىكى سەيلىگاھ شەكلىدە كۈتۈۋالىدىغان بولغاچقا، زامانىۋى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايلا قالماستىن، قىزىل ساياھەتنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلالمايۋاتىدۇ. قىزىل ساياھەتنى ‹‹سەيلىگاھ ساياھىتى››دىن ‹‹ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكى››گە ئۆزگەرتىش قىزىل ساياھەتنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى قايتىدىن بېكىتىش بولۇپ، ئۇ قىزىل ساياھەتنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەم تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى يېڭىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قىزىل ساياھەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى يۆنىلىشى. قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، مۇقىم ۋە ئۇزاققىچە كۈچ بېرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھەم يېڭى ئېنېرگىيە يېتىلدۈرۈپ، قىزىل ساياھەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ‹‹13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان›› مەزگىلىدە، قىزىل ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر قىسىم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشىمىز ۋە چەتنەپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاشنى بوشاشتۇرماي، تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ئۈچۈن كۈچەش كېرەك. ئون نەچچە يىل تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ قىزىل ساياھەت كەسپى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ، غايەت زور ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان، ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان داڭلىق ماركىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىققاندىكى مۇھىم تاللىشى بولۇپ قالدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2016 – يىلى مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەت كەسپى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليارد 147 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.7 كۆپەيگەن، ئۇنىۋېرسال كىرىم 306 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.2 ئاشقان. لېكىن تەرەققىيات جەريانىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك كەمتۈكلۈكلەر قىزىل ساياھەتچىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى يەنىلا چەكلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. تۈزۈم، مېخانىزم جانلىق بولماسلىق، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى كۈچلۈك بولماسلىق، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھات كۈچلۈك بولماسلىق، مۇلازىمەت كەينىدە قېلىش، ئىستېمال يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى ھەم كۆپ يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ. بۇ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. دۇچ كېلىۋاتقان بۇ نۇرغۇن قىيىن تېما ۋە قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بىز ‹‹ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ›› دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى بارلىق ئاماللار بىلەن تولۇقلاپ، قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان كونا مەسىلىلەرنى يېڭى چارىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

     قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزىل ساياھەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلاپ، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم تەدبىر. قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قىزىل ساياھەتنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم تۇتقا. قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى يىرىك تەرەققىياتتىن كۆلەملەشكەن تەرەققىياتقا، كۆلەم – سۈرئەت تىپىدىن سۈپەت – ئۈنۈم تىپىغا، ‹‹سەيلىگاھ ساياھىتى››دىن ‹‹ھەممە ساھە ساياھەتچىلىكى››گە ئۆتۈشكە پائال يېتەكلەش كېرەك. ئەگەر قىزىل ساياھەتنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى ھالەت بىلەنلا چەكلىنىپ، پەقەت سەيلىگاھ قىزىل ساياھىتى ئەندىزىسى بويىچىلا يولغا قويۇلىدىغان بولسا، قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان چوڭ ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش تەس. شۇڭا قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، شىجائەتنى ئۇرغۇتۇش؛ قىزىل ساياھەتنىڭ قاتتىق شەرتلىرى ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش؛ قىزىل بايلىقلارنى قوغداپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېن ۋە قىزىل ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بوشلۇقنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش؛ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە پۈتكۈل مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ رايونلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىل ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     ھەر دەرىجىلىك ساياھەت تارماقلىرى قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چۈشىنىش ۋە بىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى؛ قىزىل ساياھەتنى ھەممە ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم قارالمىلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنى تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان كونكرېت تەپەككۇرغا، تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان خىزمەت تەدبىرىگە، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

    ‹‹جۇڭگو ساياھەت گېزىتى››دىن

    بەختىگۈل مۆمىن تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.