مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ج خ تارماقلىرى زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەتكە قاتتىق زەربە بەردى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-18 11:29:36شىنجاڭ گېزىتى

     ئەخەت ئېلاخۇن خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ‹‹زەھەر ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىش، زەھەر سېتىش شايكىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش، زەھەر چېكىش توپىنى كونترول قىلىش›› نى مۇھىم نۇقتا قىلغان زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زەھەر ياساش، سېتىش ۋە توردىكى زەھەرگە چېتىشلىق جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىم، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا زەھەرگە چېتىشلىق دېلودىن 52 سى پاش قىلىنىپ، 62 گۇماندار قولغا ئېلىنغان.

     ئۇقۇشىمچە، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى مەنبەدىن توسۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، قاتتىق زەربە بېرىش – تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى، زەھەر سېتىشقا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى، زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زەھەرنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، زەھەر سېتىش شايكىلىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ئەشيا ئوبوروتى، تېز يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتكەن؛ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتكەن. تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، مەسلىھەت سوراش ئورنى تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زەھەرنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە ج خ تارماقلىرى 178 كىلوگىرامدىن ئارتۇق زەھەرنى كۆيدۈرگەن، 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىپ، 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى تەربىيەگە ئىگە قىلغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.