مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىگە قانداق جازا بېرىلىدۇ؟

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-16 11:19:56شىنجاڭ گېزىتى

    خاسىيەت جۈمە

     1 – دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى قارىمىقىدىكى ئايرودۇرۇم تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى 2016 – يىل 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىك بىر يولۇچىنىڭ ھاۋالىلىك توشۇشقا بەرگەن يۈك – تاقىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، رېنتىگېن ئاپپاراتىدا كۆرۈنگەن سۇس قوڭۇر رەڭلىك بىر نەرسىدىن گۇمانلىنىپ، دەرھال بۇ سومكىنى ئېچىپ تەكشۈرگەندە، باش ۋە پۇت تېرىسىغىچە بىلگىلى بولىدىغان ئېنىق تۆت پارچە ئېيىق تېرىسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان ج خ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، بۇ تېرىلەرنىڭ دۆلەت بويىچە 2 – دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان قوڭۇر ئېيىقنىڭ تېرىسى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن. تاموژنا خادىملىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ دېلوغا چېتىشلىق سودا قىممىتى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

     2 – دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى قارىمىقىدىكى ئايرودۇرۇم تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى 2015 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سەھەر سائەت 1 دە چېگرادىن كىرگەن جۇڭگولۇق بىر يولۇچىنىڭ ھاۋالىلىك توشۇشقا بەرگەن يۈك – تاقىسى ئىچىدىن 20 دانە تىيۇلېن تېرىسىنى بايقىغان. تىيۇلېن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار تۈرىگە كىرىدىغان بولغاچقا، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان ج خ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، بۇ دېلوغا چېتىشلىق سودا قىممىتى 480 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن.

     قانۇن ئىزاھاتى: دۆلىتىمىز ‹‹يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان – ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى قوغداش خەلقئارا ئەھدىنامىسى››نى تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، مەزكۇر ئەھدىنامىدە يۇقىرىقى دېلو مىسالىدىكىدەك دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان – ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرىش – چىقىش چەكلەنگەن. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئەتكەسچىلىك جىنايى دېلولىرىغا قانۇن تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە ئىزاھاتى››دا، يۇقىرىقى ئەھدىنامىدە بېكىتىلگەن مۇندەرىجە ئىچىدىكى ياۋايى ھايۋانلار دۆلىتىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 151 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا ‹‹ئەتىۋارلىق ھايۋانلار›› قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ‹‹ ئىزاھات››تا ئېنىق قىلىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان ياكى ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى دېلوسىغا چېتىشلىق سودا قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا، قىلمىشى ‹‹يېنىكرەك›› دەپ قارىلىپ، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراپ قويۇلىدۇ؛ ئەتكەسچىلىك دېلوسىغا چېتىشلىق سودا قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا، بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراپ قويۇلىدۇ؛ ئەتكەسچىلىك دېلوسىغا چېتىشلىق سودا قىممىتى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قىلمىشى ‹‹ئېغىر›› دەپ قارىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

     دۆلىتىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 151 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدا، دۆلەت چېگرادىن ئېلىپ كىرىش – چىقىشنى چەكلىگەن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراپ قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى بىر قەدەر يېنىك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراپ قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

     ئۈرۈمچى تاموژنىسى يولۇچىلارغا شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى: دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹تاموژنا قانۇنى›› ۋە ‹‹ياۋايى ھايۋان – ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەگەر يولۇچىلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان – ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ياكى شۇلارغا ئالاقىدار بۇيۇملارنى پوچتىدىن ئەۋەتمەكچى، ئېلىپ يۈرمەكچى ياكى چېگرادىن كىرگۈزمەكچى بولسا، بىردەك دۆلەتنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان – ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تارقاتقان ‹‹يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر ئىمپورت ئىسپاتى››نى ئېلىشى كېرەك. يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان – ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىمپورت – ئېكسپورت قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەتكەسچىلىك قىلغانلارغا تاموژنا ئورۇنلىرى ‹‹تاموژنا قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى ››دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.