مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەركەز سىچۈەن ۋە شىنجاڭنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا 180 مىليون يۈەن ئاجراتتى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:27:54شىنجاڭ گېزىتى

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بيېجىڭ، 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مالىيەسى سىچۈەن ئۆلكىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا جەمئىي 180 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.

       ئىگىلىنىشىچە، مەركەز مالىيەسى شىنجاڭدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن  8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم مەبلىغىدىن 80 مىليون يۈەن ئاجراتقان، بۇنىڭدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 50 مىليون يۈەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە 30 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەن بۇ پۇللارنى ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش ۋە قايتىدىن سېلىش قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېقىملىرىغا بىر تۇتاش ئىشلىتىدىكەن.

      ئۇنىڭدىن باشقا، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاساسلىقى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئامما ۋە لياڭشەن ئوبلاستىدىكى پۇگې ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشكە، ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش، قايتىدىن سېلىشقا ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىگە مەركەز مالىيەسىدىن تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.