مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:26:23شىنجاڭ گېزىتى

        يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قايتا سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى ھەم ئوخشىمىغان شەكىلدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدى.

        ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى:قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرىمىز

        ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئىتتىپاق كومىتېتى سىستېمىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش بويىچە قايتا سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.

        يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى سىستېمىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا مۇنداق كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەممە كىشى قاتنىشىش؛ ئىككىنچى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، تۈپتىن ياخشىلاش؛ ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش.

        بۇ يىل 3 – ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاقى كومىتېتى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاق كومىتېتى كادىرلىرى، 4 – ماي ياشلار مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر، ياشلار بىرلەشمىسى ئەزالىرى، داڭلىق مەكتەپلەردىكى دوكتور، ماگىستىرلار، ئالىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى قاتارلىقلارنى شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا پائال تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلدى. ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بولۇپ 58 پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى، كۆرۈلۈش قېتىمى 1 مىليون 939 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى، 48 مىڭ ئادەم (قېتىم) قوللىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

        ئاقسۇ ۋىلايىتى:2000 ئارتۇق ئەمگەكچى كوللېكتىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

        ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى يىغىپ تەربىيەلەش، ھەربىي مەشىقتىن ماھارەت كۆرسىتىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئاچتى، يېزىلاردىن كەلگەن 2000 ئارتۇق ئەمگەكچى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى، ئوقۇتقۇچىلار، يېتەكچىلەر، كۇرسانتلارنىڭ 13 ۋەكىلى ئۆز كەچۈرمىشى، ئەتراپىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، تەنتەنىلىك قەسەملىرى بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.

        يېرىم ئاي ئىلگىرى، ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە(شەھەر)لىرىدىن بۇ يەرگە بىر ئايلىق يىغىپ تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا كەلگەن، تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار تەشكىللىك ھالدا ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى(تەرەققىيات رايونى)توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىدا ئىشقا چۈشىدۇ.

        يىغىندا بارلىق كۇرسانتلاردىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئەتراپىدىكى يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوستلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە ئاڭلىق قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش تەلەپ قىلىندى.

        قومۇل شەھىرى:تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىجىل كۈچەيمىز

        قومۇل شەھەرلىك پارتكوم 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن››يىغىنى ئېچىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

        يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىر تۇتاش تەلەپ بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك بولۇش، تولۇق قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تونۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىجىل كۈچەپ، تۈپتىن ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئۈزۈل – كېسىل غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە نەزەرىيە، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشنى تەشكىللەپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش كېرەك.

        يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بارلىق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆز كوللېكتىپىنى ياخشى يېتەكلەپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەدە ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئەستايىدىل يولغا قويۇشى كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى، قانۇن – نىزام جەھەتتىكى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى مەنبەدىن يوقىتىپ، تىنچ، ئىناق، بەختىيار، گۈزەل قومۇلنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

        (مۇخىبرىمىز مېھرىگۈل ناسىر، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چۇ خۇيفاڭ، ليۇ جېن)

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.