مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:21:54شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا جىددىي تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئاچتى

        دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا جىددىي تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھادىسە يۈز بەرگەن جاي ۋە ئورۇننىڭ قانۇن – ئىنتىزام بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە قايتا تەلەپ قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا تەكشۈرۈپ، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دەرھال ئومۇميۈزلۈك باشلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك ئىنتىزام، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق قول بولۇش ئارقىلىق تاش – تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك جاسارەت بىلەن ھەقىقىي تۇتۇش، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى كەم – كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ‹‹قىزىل سىزىق›› ۋە ‹‹تۆۋەن چەك››نى قەتئىي ساقلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

        بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ۋەقە يۈز بېرىش قېتىم سانى، قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار سانى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياندىن ئىبارەت تۆت ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى. ئەمما ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا گەۋدىلىك، بىخەتەرلىك ئاساسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاجىز، بىر قىسىم رايون ۋە ساھەلەردە ھادىسە يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ.

        شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ مەسئۇل بولۇش، ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت››نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن تەكشۈرۈشى، سۈرۈشتۈرۈشى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇشى كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسىدىن چوقۇم ياخشى پايدىلىنىپ، ھادىسە جاۋابكارىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. قىلمىشى قەبىھ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە پەرۋا قىلمىغان، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان قانۇنغا خىلاپ تىپىك قىلمىشلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈپ، كونكرېت مەسئۇل تارماقلار، مەسئۇل كىشىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قاتتىق، ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە جازالاپ، بۇنداق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قانچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىدىكى ئالاقىدار جاۋابكار ئورۇن، جاۋابكارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئىنتىزامنى پۇختا ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

        شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار چوقۇم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى يوچۇق ۋە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ھەر قانداق يوچۇق قالدۇرماسلىق، ھەرقانداق خىرە نۇقتىنى تاشلاپ قويماسلىق، ھەرقانداق يوشۇرۇن خەۋپنى قالدۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. چوقۇم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹مۇداپىئە كۆرۈش››نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش بويىچە بىخەتەرلىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، بولۇپمۇ ئوت ئۆچۈرۈش، يول قاتنىشى قاتارلىق ئاسانلا ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بېرىدىغان كەسىپ، ساھە، خەتەرلىك ساھە، خەتەرلىك ھالقىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىش، ئەمگەك ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچكە خىلاپلىق قىلىش›› قىلمىشلىرىنى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى بۇيۇملىرى، بىخەتەر قۇتۇلۇش يولىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەشغۇلات مەيدانىدا بەلگىلىمە بويىچە مەشغۇلات قىلىش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپى بىخەتەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

        ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندان پېڭ جيارۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك، سىجىل ھەرىكەت ھالىتىدە تۈگىتىشى؛ نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى بېسىمدىكى قاتتىق باشقۇرۇش ھالىتىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈشى؛ نازارەت قىلىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىشى كېرەك.

        ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۈەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

        ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ماغاۋ سېيىتقامزە، جاۋ چۇڭجيۇ، جاڭ چۈنلىن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە يېزا (بازار)، تۈەن (مەيدان)لەرگىچە ئېچىلدى.

        

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.