مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا تولۇق ماسلىشىمىز

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:19:13شىنجاڭ گېزىتى

        ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش8–گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى دەرھال ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

        مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

        ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى تېزلىكتە يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نازارەت، يېتەكچىلىك قىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى سىستېمىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماسلىشىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، ماتېرىياللار بىلەن ئاكتىپ تەمىنلەپ، مەركەزنىڭ نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى نازارەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر گۇرۇپپا باشلىقلىقىدىكى سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى. سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇچىلىق نازارىتى نازارەت قىلىشقا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك خەۋەردار قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ھەم كەمتەرلىك بىلەن نازارەتنى قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەر ۋە قايتما ئىنكاس، پىكىر، تەلەپلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىدۇ. دەماللىققا تۈزەتكىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ۋە تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تۈرلەر بويىچە ياخشى تۇتىدۇ.

        ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېپىپ چىقىپ، ئۆزىنى چەتكە ئالماي، يېتەرسىزلىكنى يوشۇرماي، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەر ۋە قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

        ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەيمىز. پىلانلاش، يېتەكلەش جەھەتتىكى رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش خىزمىتىدە مۇھىت ئاسراش تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ دۇنيا تەبىئىي مىراسى ۋە داڭلىق مەنزىرە رايونىنى قوغداش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا مىراسلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەڭرىتاغ دۇنيا مىراسى ۋە داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، باغچىلاشقان شەھەر بەرپا قىلىش ۋە مەدەنىي قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى باھالاش، ‹‹پاكىز شەھەر قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇشنى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلەت، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى، شەھەر قىياپىتى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ئۆلچەملەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر يوللىرى ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى چاڭ – توزاننى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. جايلارنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل قاتناش ئەسلىھە تۈرى، مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش، ‹‹كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىشتىن گاز يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش››، توك ئارقىلىق ئىسسىتىش، بىناكارلىقتا ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

        ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى دەرھال مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى سىستېمىسىدىكىلەر تەخىرسىزلىك ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ، ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش – راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساقلانغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دەل جايىدا تۈزىتىشى كېرەك؛ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنى، مۇھىت ئاسراشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات تەلىپى بويىچە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تاغ – دەريالىرى گۈزەل، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئېكولوگىيەسى مەدەنىي شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

        ئىلى ئوبلاستى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ۋە يېشىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىلى ئوبلاستى بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ئىلى قۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

        ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى دەرھال ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئاڭلىق، سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تاپشۇرغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىشى؛ نازارەت قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەركەزنىڭ ‹‹ئۈچ چوڭ خىزمەت ئەندىزىسى››نى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش ھەم زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق شەھەر قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

        سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ناھىيە (شەھەر)، تارماقلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەركەز قانات يايدۇرغان مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىشى كېرەك. نازارەت قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، تىنچ، گۈزەل، باي، ئىناق ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشقا داۋاملىق تىرىشىپ، تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە تاغلىرىمىزنىڭ يېشىل، سۈيىمىزنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

        خوتەن ۋىلايىتى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىشقا ياخشى ماسلىشىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتتە مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرى بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ ھەم بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا ۋاقتىدا تۈزىتىش تەدبىرى بېكىتىپ، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھىت ئاسراش ئېڭى تۇرغۇزۇپ، قۇملۇق ئېكولوگىيە پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، يېشىل ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىك ئوغۇت ۋە بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خوتەننى يېشىل، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

        بىڭتۈەندىكى شىلار سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى تېزلىكتە يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. 1 – شى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن شىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىغا پائال ماسلىشىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 10 – شى پۈتۈن شىدىكىلەردىن نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىنى ھەم نازارەت قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر تېپىپ، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش ۋە تۈزىتىشنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

        (مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، ۋاڭ يايۈن، ياۋ تۇڭ، ليۇ دۇڭلەي، ما يىنىڭ، دۇڭ شاۋخۇا، لى لىن، جاڭ شياۋيەن، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن مو لىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لۈ نا، لى شىنئەن، ما چېڭلۇ، لۈ شياۋلى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.