مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتە، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرايلى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:16:11شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

        پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە كېلىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، يېشىل تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

        پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مۇھىت ئاسراشقا پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت››نى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، مەركەزنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىنكاس قايتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت خەلققە بولغان مۇھەببەتنى، ‹‹ئېكولوگىيەنى قوغداشتا مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە شان – شۆھرەت كۆزلىمەسلىك››تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

        بۇ قېتىم مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نازارەت قىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇشۇ يىللاردا مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەنلىكى بولۇپ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، خىزمەتنى ياخشىلىشىمىزغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

        شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەۋقەنى رايون ئەھۋالىغا قويۇپ، ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش پاراۋان، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تاغ – دەريالىرى گۈزەل، جەمئىيەت گۈللەنگەن، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق، ئېكولوگىيەسى مەدەنىي شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرماقتا.

        لېكىن بىز يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، نۆۋەتتىكى مۇھىت خىزمىتىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.

        مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت مەسىلە تېپىش، خىزمەتنى ياخشىلاش ئۈچۈندۇر. بىز بىر تەرەپتىن، ئىدىيە ۋە تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ھەم مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەت قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەتنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ، مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە بايقاشقا كۈچەپ، ھەقىقىي قول سېلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. دىققەتنى مەركەز يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئىجتىمائىي تەسىرى يامان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم پۇرسەت، شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، پەرقنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تونۇپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

        يېشىللىق ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى، تەبىئەتنىڭ ئاساسىي رەڭگى. ھازىر يېشىللىق گۈزەل تۇرمۇشتىكى ئۈمىدكە سىمۋول قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئايلاندى. بىز چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار نازارىتىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىت ئاسراش ۋە مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.