مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:14:04شىنجاڭ گېزىتى

        ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە كېلىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جەي چىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سۆز قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار يولداش چېن چۈەنگو سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، قوماندانى پېڭ جيارۇي يىغىنغا قاتناشتى.

        لى جياشياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مۇھىت ئاسراشقا پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت››نى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا كۈچەپ، دادىل ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 2016 – يىلى 12 – ئايدا يەنە بىر قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بولۇپمۇ 2017 – يىلىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قاتتىق چۆچۈتۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى.

        لى جياشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى، بىڭتۈەننىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇھىتقا ئالاقىدار گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇھىت ئاسراشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدۇ. نازارەت قىلىش داۋامىدا مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، ئىجتىمائىي تەسىرى يامان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەم ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىدۇ؛ مۇھىت سۈپىتى ناچارلىشىشقا يۈزلەنگەن رايون، ۋادىلار ۋە ئۇلارنى تۈزەش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ ئامما ئىنكاس قىلغان ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت مەسىلىلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، قالايمىقان ئىش بېجىرىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشقا پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەڭ مەسئۇل بولۇش، ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت››، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە شى(شەھەر)لار ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

        چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىشى كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكى بىلەن كاپالەت بېرىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەتكە قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەينەن دوكلات قىلىپ، ئوبيېكتىپ ئەينەن ئەھۋال بىلەن تەمىنلەپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىنكاس قىلىپ، مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى، شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، پەرقنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تونۇپ، خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

        يىغىندا جەي چىڭ نازارەت قىلىشقا ماسلىشىش، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش، شارائىت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكوم، ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەم رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، شى (شەھەر)لارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆز جايىدا سىن يىغىنى شەكلىدە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

        ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىپ تۇرۇش ۋاقتى تەخمىنەن بىر ئاي ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. نازارەت قىلىپ تۇرۇش مەزگىلى (2017 – يىل 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنىگىچە)دە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 6073218 – 0991، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى (شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى 226 – نومۇرلۇق پوچتا ساندۇقى) تەسىس قىلىنىدۇ. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 00:10 دىن 00:22 گىچە بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى ۋە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە ئالاقىدار پاش قىلىش خېتى، تېلېفونىنى قوبۇل قىلىدۇ. قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئەرزىيەت مەسىلىلىرى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىدىغان رايون، ئورۇن ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.