مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرايلى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:03:19شىنجاڭ گېزىتى

       باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر(4)

        باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىدە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا.

        ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىمىز كېرەك

        ياڭ يۇڭ (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى): باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزى زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ،ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ‹‹سۆز››نىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش نىشان ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ‹‹سۆز››نىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

        مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولدى. 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر – بازارلاردا 1 مىليون 389 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 336 مىڭغا يېتىپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %76.4ى ئورۇندالدى؛ يېزىلاردىكى 1 مىليون 475 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %56.7ى ئورۇندالدى؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %85تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلاردىن 27 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %54ى ئورۇندالدى. شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن بىر كىشىنى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نورمال ھالەتكە ئايلاندى.

        ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەۋقەنى كەسىپلەر ئارقىلىق يېتەكلەش، شىنجاڭ ئىچىدە ھەل قىلىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنى يېتەكچى قىلىشقا قويۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يېقىن ئەتراپتا ۋە ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر – بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقى ۋە بازارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە كۈچەپ، شىنجاڭچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇش يېڭى يولىدا مېڭىشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يېقىن ئەتراپقا، ئۆز جايىدا تەشكىللىك، ئىشتاتلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى 100 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان يولى بولۇش، قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ئايدا كىرىمى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياش ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ باقمىغان شەھەر – يېزىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ياش ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياش ئەمگەكچىلەرنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

        شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەك

        ئەبىن مەۋلىتقان (شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى): پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. بارلىق خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە ئاخىرقى ھېسابتا خەلقنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكەن – ئېرىشمىگەنلىكىگە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغان – ياخشىلانمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان – بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، خەلقنى غەم – قايغۇدىن خالاس قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

        مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، شۇ جايدىكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە شىنجاڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. بىز پەقەت شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى كۆپرەك ھەل قىلساقلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ زور ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئىزچىل ئېرىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كەڭ يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى داۋاملىق ئېشىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى ۋە مۇستەھكەملىدى.

        نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يەنىلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ئارزۇسى. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ئويلاش، خەلق تۇرمۇشىدا تەرەققىياتنى كۆزلەشتە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىش، ھەم قىزغىن، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەستايىدىل بولۇش كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەڭ زور چەكتە ئەلرايىنى مايىل قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

        يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەك

        لى دەن (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى سىياسىيشۇناسلىق ئوقۇتۇش – تەتقىقات كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى): خەلق تۇرمۇشى خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى، ئامانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتى.

        باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بۇ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەقسىتى ۋە كۈرەش نىشانى بولۇپلا قالماي، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، ئۇ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

        جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان كاپالەت شەكلى ۋە ھەر خىل ياخشىلاش چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدى. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يۇقىرىدىكىلەر بىلەن تۆۋەندىكىلەرنى بىر – بىرىگە باغلايدۇ. بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۇنجى 100 يىللىق ئارزۇيىمىزغا يېتىپلا قالماي، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. ‹‹خەلقنى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش››تىن ئىبارەت زەپەر مارشى ياڭرىتىلغان بۇ دەۋردە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرماقتا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئۈمىدىگە ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك.

        يېڭى تارىخىي پەللىدە خەلقنىڭ ئارزۇسى ‹‹سەككىز تېخىمۇ›› بولۇشقا مۇجەسسەملەندى، خەلق تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولىدىغان كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سەھىيە – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ مۇھىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت بولۇشنى، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشى، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلماقتا. بىز ‹‹سەككىز تېخىمۇ››نىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەلىپىنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ياخشىلايدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ‹‹تېخىمۇ›› جەھەتتە كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بالدۇر يېتىشىمىز كېرەك.

        (مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا)

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.