مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرايلى

    مەۋلۇدە2017-08-12 12:00:10شىنجاڭ گېزىتى

     مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى

        پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى شەخسەن ئۆزى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. بۇ يىل 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مەن شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللانغان ئۈنۈملۈك تەدبىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولغانلىقى، ئىقتىسادىنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلانغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

        باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مەملىكەت ئىچى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ ئوتتۇرىغا قويغان زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى، ئۇنىڭدا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ باش نىشاننى بېكىتىش تامامەن توغرا، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك››. باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسى ئىپادىلەندى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈلۈشى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئاساسى، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. بۇ، بىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز ھەم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن سىجىل كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش يېتەكچى، سىياسىي جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ روھى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تارقاتتى، بۇ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىش. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەققانىيەت ساداسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى ئىپادىلىدى. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قاتارلىق ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر كادىرلارغا ئىلھام بېرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىغا تېخىمۇ مەدەت بېرىمەن.

        بىرىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، مۇرەككەپ بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئۇلۇغۋار كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىغا يەتكۈزۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى بېغىشلاپ، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق. ‹‹تۆت ئۇلۇغۋار››غا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سادىقلىق بىلەن ھىمايە قىلىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك مەدھىيەسىگە ئېرىشتى. بىز سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەنى، فاڭجېنى، سىياسىتى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىلەن ھەقىقىي بىردەك بولۇشىمىز كېرەك. تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، چېگرا رايون بىلەن بېيجىڭ قەلبداش. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا باشتىن – ئاخىر يېقىنلىشىپ ۋە زىچ باغلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك.

        ئىككىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇلتۇردىن باشلاپ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››، ‹‹ئۈچ قەتئىي بولۇش››، ‹‹ئىككى ھالقىلىق نۇقتا››، ‹‹بىرنى بوشاشتۇرماسلىق››تىن ئىبارەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئاتتى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆز – يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ‹‹تۆت خاھىش، تۆت كەيپىيات››نى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش خىزمىتى، ئەل قەلبىنى خاتىرجەم قىلىش، ئەل قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل›› لىق يەسلى مائارىپى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ‹‹بەش بىر تۇتاش››نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەجبۇرىيەت ئەمگىكى قاتارلىقلارنى بىكار قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكى، بەزىدە ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ئىچىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، مۇقىملىق ئىچىدە خەۋپ – خەتەر بولىدىغانلىقىنى، مۇقىملىق ئىچىدە ئەندىشە بولىدىغانلىقىنى، ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ۋەزىيەتنىڭ تۈپتىن ياخشىلانمىغانلىقىنى، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بىزگە يېڭى خىرىس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن – ئىشلەنمىگەنلىكىگە باھا بېرىشتە ئاساسلىقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق قىلىنغانلىقى، مۇقىم، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. مۇقىملىق بولسا تىنچلىق بولىدۇ، قالايمىقانچىلىق بولسا بالايىئاپەت بولىدۇ؛ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ئاپەت. مۇقىملىق بولمىسا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بىز كاللىمىزنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشىمىز، باش نىشان بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلىشىمىز، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئۇزاق مەزگىل تىنچ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

        ئۈچىنچى، سىياسىي ئىرادىنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى: پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى قەتئىي ئىگىلەپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەۋىلىك مەيدان ۋە سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئاداشماسلىق كېرەك. سىياسىي مەسىلە ۋە خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك، پارتىيە ئىنتىزامىغا، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ھەمىشە بىللە يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدا مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، خەۋپ – خەتەر سىنىقى قانچە كەسكىن بولغانسېرى پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىنى ساقلاشنى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەربىيەسى، غەمخورلۇقى، رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەر ۋاقىت كاللامدا ئەكس ئېتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇھىم خىزمەت ئورنىغا چىقالىشىم ئۆزۈمنىڭ قالتىس ئىقتىدارى بولغانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلىگەنلىكى، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى، قوللىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە كۆيۈنگەنلىكىدىن بولغان. مەن پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھەممە نەرسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غەمخورلۇقىنى، قوللىشىنى ۋە ئۈمىدىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پەزىلەتنى قان – قېنىمغا سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن. بىز ھەر مىللەت كادىرلار ھەر ۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز؛ ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پاك ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىدا پارتىيەگە سادىق بولۇش سىنىقى ئاساسلىقى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتكە باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشتا، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشى، پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكتە گەۋدىلىنىدۇ. ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز، ھەرگىز ھېچنېمىنى بىلمەس بولۇۋالماسلىقىمىز، بايرىقىمىزنى ئىزچىل روشەن قىلىشىمىز، مەيدانىمىزنى ئىنتايىن مۇستەھكەم قىلىشىمىز، ھەرىكەتتە ئالاھىدە ئاڭلىق بولۇشىمىز كېرەك.

        تۆتىنچى، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىپ، قەتئىي ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››، ‹‹ياخشىچاق›› بولماسلىق كېرەك. ھازىر شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قۇترىغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كەسكىنلەشكەن مەزگىل، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا ‹‹پۇرچاقنىڭ ئېتىلغىنىغا قازان تېشىلمەس›› دېگەن تەمسىل بار. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ئېتىپ، مەخسۇس قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە ئائىت تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، شەھەر – بازارلارنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش، چېگرا رايوننى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش، ئالاقە تورى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىكى مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۈشمەننى قاتتىق چۆچۈتۈپ، داغدۇغا پەيدا قىلدى، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇردى. زەربە بېرىشىمىز قانچە كۈچلۈك بولسا، ئومۇمىيەتنى تىزگىنلەشتىكى تەشەببۇسكارلىقىمىز شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۈرەش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ››گە پائال ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، قارا نىيەتلەرنى تۈپ يىلىتىزىدىن يوقىتىپ، غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ئاخىرلاشتۇرماسلىقى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىنى رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاشتىكى باش ئۆلچەم قىلىپ، بۇ ئۆلچەمدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە ئەھۋال، باشقىچە ئەھۋالغا يول قويماسلىقى كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشىنى ئەلا بىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان جاسارىتى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش شىجائىتىنى نامايان قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلماسلىقى، ‹‹ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ›› دېگەن قېلىپقا كىرىۋالماسلىقى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

        بەشىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، قويۇق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇل تاش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك پۇختا سىياسىي ئاساس، ئىدىيەۋى ئاساس، ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، بولۇپمۇ خەتەرلىك پەيتتە، ھەر مىللەت ئامما بىر – بىرىگە يار – يۆلەك بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا قۇتقۇزۇپ، قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇردى. كىمىكى شىنجاڭنى پارچىلاش مەقسىتىدە شىنجاڭدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولىدىكەن، بۇ، ئۇلارنىڭ خام خىيالى، ئۆز – ئۆزىنى ھالاك قىلىشلا، خالاس. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كونكرېتتۇر. قەلبنى مايىل قىلىپ، بارلىق ئىشلارنى راۋانلاشتۇرۇش، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىش، كۆپ قاتلام، كۆپ خىل ئۇسۇل، كۆپ خىل شەكىلدە ھەمتۈرتكە بولۇش تولىمۇ مۇھىم. ئاپتونوم رايون ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك ئىشلاردىمۇ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتتە ‹‹بەشنى تونۇش››نى كۈچەيتتى. بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەندە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدى، بۇ، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا زور مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىشى، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشى، بىرلىكتە ئەمگەك قىلىشى، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، بىز ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىمىز دەپ ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان ئىش. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق قەلبلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى خىزمىتىدۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەردانىلىك بىلەن شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەككى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دىنىي پائالىيەت ئەركىنلىكى دېگەنلىك ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت، جۈملىدىن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر دىننى دۆلەت قانۇنى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇپ مەسچىتلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەيلىگە قويۇۋېتىشكە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىق، شۇنداقلا قەتئىي زەربە بېرىش، قەستەن مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق جىنايى قىلمىشنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، مىللەت چېگراسىنى ئايرىۋالغان كىشىلەر، شايكىلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق، مەسئۇل بولالايدىغان گەپنى قىلىش، مەسئۇل بولالايدىغان ئىشنى قىلىش، ئۆزىگە مەسئۇل بولالايدىغان ئادەم بولۇش، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى قوغداش كېرەك.

        ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسكىن جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى، بىز ھەرقانداق بىر قېرىنداش مىللەت، ھەرقانداق بىر مىللىي رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك، دەپ ئالاھىدە كۆرسەتتى. بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەم پۇرسەت، ھەم خىرىس، تېخىمۇ مۇھىمى سىناق. ئوبيېكتىپ ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئالاھىدە تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئامىللار سەۋەبىدىن شىنجاڭدا نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلىق ئېغىر نامراتلىشىش نىسبىتى يۇقىرى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق ئېغىر بولۇپ، بىر قاتار ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قىيىنچىلىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئەڭ مۈشكۈل رايون ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى قايتا – قايتا تەكىتلەپ: بىزنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز، شارائىتىمىز، ئىقتىدارىمىز بار، دېدى. ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت – ئامەت كەلتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى شىنجاڭنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىدىن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى مەخسۇس يۆلەش، ساھەلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە يۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل كۈچ، تۈرلۈك تەدبىر ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئۆزئارا تىرەك بولىدىغان ‹‹تۆت بىر گەۋدە›› نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ، مەبلەغ ياردىمى، سىياسەت كاپالىتى، تۈر ياردىمى، كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيە جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، كۈچلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش، نامراتلارنى ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلىك كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئادەمدە، ئەمەلىي، ھەقىقىي ئىشلەش ئىستىلى بولۇشتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كادىرلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي تۇتۇپ، ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. قىيىنچىلىق قانچىكى ئېغىر رايونلاردا كادىرلار ئىستىلى شۇنچە مۇھىم دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش›› ۋە ‹‹كاززاپلىق››، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئەستايىدىل بولماسلىق، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نى قەتئىي تۈزەپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئەمەلىي خىزمىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇكەممەل جەريانى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

        دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىتتىرگۈچ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىشنىڭ بىلەي تېشى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ خىتابنامىسى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىنى سىنايدىغان سىناق تېشى. بىز جاراڭلىق قەسىمىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت خەلقنى كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە مەنىۋى يۆلەنچۈككە ئايلاندۇرالايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى بالدۇر ئەمەلگە ئاشىدۇ.    

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.