مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش ئوقۇرمەنلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

    مەۋلۇدە2017-08-12 11:22:26تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    تورىمىزنىڭ «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش ئوقۇرمەنلەر ئۇچرىشىشىدىن كۆرۈنۈشلەر.

        ئۆز خەۋىرىمىز: 11-ئاۋغۇست، تەڭرىتاغ تورىمىز «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.

        بۇ كۈندىكى ئوقۇرمەنلەر ئۇچرىشىشىدا «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» نىڭ پېشقەدەم، ياش تەھرىرلىرى، ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن بولغان شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىلدىكى ئۆسۈپ-يېتىلىش سەزگۈرەشتىلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ-تاشقان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى بايان قىلىشتى.

        ئۇچرىشىشتا «شىنجاڭ يانفون گېزىتى»نىڭ ئون يىللىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىزچىل ھەمراھ بولغان سادىق ئوقۇرمەنلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى.

     شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر سۈن جىن يىراقتىن كەلگەن ئوقۇرمەنلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» قۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور شەرەپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل قوللىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىدۇر.

     «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» تەڭرىتاغ تورى بىلەن شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن روياپقا چىققان شىنجاڭدىكى تۇنجى رەڭلىك ئۇچۇر شەكلىدىكى يانفون گېزىتى بولۇپ، «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» باشتىن-ئاخىرى توغرا، تېز ۋە نوپۇزلۇق گېزىت چىقىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلىدى. بۇ يانفون گېزىتى 2007-يىل 8-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇرمەننى ئەتىگەن ۋە كەچلىك يانفون گېزىتى بىلەن تەمىنلىدى. «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەڭرىتاغ تورىمىز ئارقا-ئارقىدىن «ئۇيغۇرچە تەڭرىتاغ گېزىتى»  ۋە «قازاقچە تەڭرىتاغ گېزىتى» نى بارلىققا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى يانفون گېزىتىنىڭ ئومۇمىي ئوقۇرمىنى 2 مىليون 800 مىڭدىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ئەڭ قولاي شەكىلدە خەۋەر ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

    تورىمىزنىڭ «شىنجاڭ يانفون گېزىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش ئوقۇرمەنلەر ئۇچرىشىشىدىن كۆرۈنۈشلەر.

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.