مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31–يىغىنىنىڭ تەيىنلەش–قالدۇرۇش ئىسىملىكى

    ئامانگۈل2017-08-11 11:08:13شىنجاڭ گېزىتى

    (2017–يىل 8–ئاينىڭ 10–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ31–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    (1)

    ۋۇ شياۋخۇا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛

    تيەن شياۋخۇڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇلدى.

    (2)

    تالغات ئۇسۇننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ نازىرلىقىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى؛

    ئورازبېك رۇسۇلقاننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

    (3)

    پاڭ جىنۋېن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىقىغا، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى؛

    لى يۇڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىدىن، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىدىن، سوتچىلىقتىن قالدۇرۇلدى.

    (4)

    گو لىشىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشلىكىگە، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىككە تەيىنلەندى؛

    جۇ خۇييۇڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىكىدىن، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىدىن، تەپتىشلىكتىن قالدۇرۇلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.