مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنى ئېچىلدى

    ئامانگۈل2017-08-11 11:08:15شىنجاڭ گېزىتى

      ئاينۇر ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنى 8–ئاينىڭ 10–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 43 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

      يىغىندا ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قارالمىسى بىر تۈرلۈك بولۇپ، كادىرلارنى تەيىنلەش–قالدۇرۇش تەكلىپىگە قاراپ چىقىشتىن ئىبارەت.

     يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شىيۈنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش–قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

     گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر كادىرلارنى تەيىنلەش–قالدۇرۇش تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى.

     يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

     نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا بەرگەن قەسىمىنى يېڭى پەللە قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن قانۇن ۋە ئىنتىزامنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئىدىيەدە، تونۇشتا، ھەرىكەتتە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى نەتىجە يارىتىشىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭى نەتىجە يارىتىشىنى، تەشكىل ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.