مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    دېڭىز ئۈستى ۋە قۇرۇقلۇق «يىپەك يولى» نى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان شيامېن پورتى

    پەرغانە غوپۇر2017-08-11 11:01:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    جۇڭگو-ياۋروپا (شيامېن-موسكۋا) بىۋاسىتە مال تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى شيامېن ئەركىن سودا رايونى خەيساڭ يۈك مەيدانىدىن يولغا چىقتى (21-ئاپرېل فوتوسى).

      فۇجيەن قەدىمىي دېڭىز ئۈستى «يىپەك يولى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى «يىپەك يولى» نىڭ يادرولۇق رايونى. 2016-يىلى شيامېن پورتىنىڭ كونتېينېر مىقدارى 9 مىليون 610 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شيامىن پورتى دۇنيا بويىچە 15-چوڭ كونتېينېر پورتى، ئېلىمىزىدىكى تۆت چوڭ خەلقئارا سۇ تىرانسپورت مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، يەنە ئىككى قىرغاق سۇ تىرانسپورت ئوبوروت كەسپى ئالماشتۇرۇشىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. نۆۋەتتە، شيامېن پورتىدىن شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا قىتئەسى، ئوتتۇرا دېڭىز، ئوتتۇرا شەرق، ئاۋسترالىيە قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا قاتارلىقلارغا قاتنايدىغان 143 لىنىيە بولۇپ، شيامېن پورتى بۇ لىنىيەلەر ئارقىلىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىدىن رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان قاتارلىقلارنىڭ كۆپلىگەن پورتلىرى بىلەن تۇتاشتى، بۇنىڭ بىلەن شيامېن پورتى شيامېن بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىدىكى ئەڭ يېقىن ۋاسىتىچىسىگە ئايلاندى. دۆلەتنىڭ يېڭىچە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئاساستا، شيامېننىڭ ساھەلەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى. خەيساڭ پورت رايونىدىن يولغا چىققان جۇڭگو-ياۋروپا (شيامېن) نۆۋەتچى پويىزى ئالدى-كەينى بولۇپ پولشانىڭ لودېز، گېرمانىيەنىڭ نيۇرىنبېرگ، گوللاندىيەنىڭ تىلبۇرگ، رۇسىيەنىڭ موسكۋادىن ئىبارەت 4 ئاخىرقى بېكەتكىچە يېتىپ باردى، شۇنداقلا سۇ يولى، تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى ئارقىلىق تەيۋەنگىچە ئۇزارتىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى باغلاپ، 21-ئەسىردىكى دېڭىز ئۈستى «يىپەك يولى» بىلەن قۇرۇقلۇق «يىپەك يولى» نى تۇتاشتۇردى. (شىنخۇا تورى، لىن شەنچۇەن فوتوسى)

       

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.