مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    ئېلىمىز سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈپ ئەي قىلغان تۇنجى تازقارا ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-08-11 11:24:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 10-ئاۋغۇست، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى ياۋايى ھايۋانات باغچىسىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ باغچا ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇنجى ئېگىز تاغ تازقارىسىنى يېتىشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ھازىرغا قەدەر ئېلىمىز سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈپ ئەي قىلغان تۇنجى تازقارا ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ ئېگىز تاغ تازقارىسى چۈجىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 101 سانتىمېتىر، ئىككى قانىتىنى ئاچقاندىن كېيىنكى ئۇزۇنلۇقى 150 سانتىمېتىرغا يېتىدىكەن، ئېغىرلىقى 6800 گىرام كېلىدىكەن، ئۇ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بەدىنىدىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم، تېنى ساغلام ئىكەن.   

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.