مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    ئۇيغۇر قىزلىرى خېنەن كەشتىچىلىكىنى ئۆگەندى

    پەرغانە غوپۇر2017-08-11 10:18:07تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

    كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى خېنەن ئەنشيۇ مەدەنىيەت كەسپى چەكلىك شىركىتىدە رىزىۋانگۈل سەمەت يىپەك يىپ رەتلىمەكتە (5-ئاۋغۇست فوتوسى).

     شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2016-يىل خېنەن ئەنشيۇ مەدەنىيەت كەسپى چەكلىك شىركىتى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى ھەمدە ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرگە يۈزلەنگەن ھالدا كەشتىچىلەرنى جەلپ قىلىپ، خېنەن كەشتىچىلىكى بويىچە تەربىيەلىدى.

     شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك كەنتلەردىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر كەشتىچى قىزلار مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. ئىلگىرىكىدەك كۈندە قازان بېشىدا پەرۋانە بولۇشقا قارىغاندا رىزىۋانگۈل ھازىرقى كەشتىچىلىك بىلەن ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشىدىن سۆيۈنەتتى. ئۇ ھايانلانغان ھالدا: «خېنەن كەشتىچىلىكى مېنىڭ تۇرمۇشىمنى ئۆزگەرتتى» دېدى.

     رىزۋانگۈلگە ئوخشاش ئائىلىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن قىزلارنىڭ تۇرمۇشى خۇددىي نەپىس كەشتە بۇيۇمىغا ئوخشاش رەڭدار ۋە مەنىلىك ئۆتمەكتە. (سۇن شاۋشيۇڭ فوتوسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.