مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە پەمىدۇردىن مول ھوسۇل ئېلىندى

    پەرغانە غوپۇر2017-08-10 11:56:14تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      ئۆز خەۋىرىمىز: ئالتۇن كۈز ئايلىرى كىرىشى بىلەن، قىيام قىلىدىغان پەمىدۇرلار مەي باغلاپ پىشىپ، ئۈزۈپ سېتىش مەزگىلىگە كىردى. 8-ئاۋغۇست، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى مەكىت كەنتىدىكىلەر پىشقان پەمىدۇرلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 20 مىڭ مو كۆلەمدە پەمىدۇر ئۆستۈرۈلگەن. بۇ ناھىيە باشلامچى كارخانا ۋە بازار ئېھتىياجىغا تايىنىپ، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى تۇنخې ئۇچتۇرپان باغۋەنچىلىك-كۆكتاتچىلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن دېھقانلار پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش زاكاز توختامى ئىمزالاپ، دېھقانلارنى پەمىدۇر قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.