مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    سۈتچىلىك كەسپىنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟

    مەۋلۇدە2017-08-10 11:35:09شىنجاڭ گېزىتى

    چاڭ چىن

     2008 – يىلى يۈز بەرگەن ‹‹<ئۈچ مارال> سۈت پاراشوكى ۋەقەسى››دىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ سۈتچىلىك كەسپى بىر مەھەل داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەنىدى، ھازىرغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى سۈتنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. ئۇنداقتا سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ھالىتى ۋە يۈزلىنىشى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ 8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈتچىلىك كەسپى يىغىنىدا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىلدى.

     نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆسۈپ، يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى

     جۇڭگو سۈتچىلىك كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇڭبىننىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ باقمىچىلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن، سۈتچىلىك كەسپىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت سۈپەت مەسىلىسىدىن تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئالماشقان.

     باقمىچىلىق سەۋىيەسى ئۆستى. ئېلىمىزدە 100تۇياقتىن كۆپرەك كالا بېقىلىدىغان كۆلەملەشكەن فېرمىلارنىڭ نىسبىتى 2008 – يىلى %20كىمۇ يەتمەيتتى، 2016 – يىلىغا كەلگەندە %54كە يەتتى، مەملىكەت بويىچە نەسىللىك خولىستېن ئىنىكىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %100كە، ئوتتۇرىچە سۈت مىقدارى .4 6 توننىغا يەتتى.

     يېڭى سۈتنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2016 – يىلى ئېلىمىزدە يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچى دۆلەت ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئەلا سۈپەتلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساش بازىسى ۋە شارائىتى تولۇق ھازىرلانغان.

     نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئۆلچەش سەۋىيەسى ئۆستى. گاۋ خۇڭبىن مۇنداق دېدى: دۆلەت سۈتچىلىك كەسىپ زەنجىرىگە نىسبەتەن تارىختىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللاندى، دۆلەت يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش خىراجىتى 200 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىليون يۈەن خىراجەت پۈتكۈل يېمەكلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %.9 2ىنىلا ئىگىلەيدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلدى.

     سۈتچىلىك كەسپىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇلتۇر سۈتچىلىك كەسپىدىكى 20 كۈچلۈك كارخانىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا بېقىلغان خولىستېن ئىنىكى 1 مىليون 680 مىڭ تۇياققا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بېقىلىۋاتقان كالا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %24ىنى ئىگىلىدى، بۇ كالىلاردىن 14 مىليون 200 مىڭ توننا سۈت ئېلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سۈت مىقدارىنىڭ %57ىنى ئىگىلىدى.

     يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ كاڭجېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ سۈتچىلىك كەسپىدە سۈپەت ئىزچىل يۇقىرىلىغان، كۆلەملىك باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى سۈت يېغى، سۈت ئاقسىلى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلاشقان.

     رىقابەت كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى ئىمپورت مەھسۇلاتلاردىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۈتچىلىك كەسپىنىڭ چىقىش يولى ھېسابلىنىدۇ.

     يۈ كاڭجېن مۇنداق دېدى: سۈتچىلىك كەسپى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ، 2015 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سۈتنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۆرۈلدى، يېقىندىن بۇيان سۈت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئۆلكىلەر سېتىۋېلىشقا چەك قويغان سۈتنىڭ مىقدارى ئومۇمىي سۈت مەھسۇلاتىنىڭ %10ىنى ئىگىلەپ، ئىنەك باقمىچىلىقىدا زىيان %50تىن ئېشىپ كەتتى.

     ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىستېمال ئىشەنچى يەنىلا ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ چەت ئەلدە ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان مايىللىقى يەنىلا يۇقىرى، گەرچە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، تور ئارقىلىق سېتىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئېلىمىز بازارلىرىدا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. 2008 – يىلى ئېلىمىزنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت مىقدارى 400 مىڭ توننا ئىدى، كېيىن تەدرىجىي ئېشىپ، بۇلتۇر 2 مىليون 170 مىڭ توننىغا يەتتى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز سۈتچىلىك كەسپى بەزى باسقۇچ خاراكتېرلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپلا كەلدى، نۇرغۇن كىشى بۇنى ئىمپورت مەھسۇلاتلارنىڭ زەربىسىدىن كۆردى. يۈكاڭجېن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا رىقابەت كۈچىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدا، چۈنكى ئېلىمىز سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ھالقىسىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارى، ئىنەك باقمىچىلىقى بىلەن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسى يەنىلا تۆۋەن، مەنپەئەت بىرىكىش زەنجىرى زىچ ئەمەس، سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر.

     گاۋ خۇڭبىن مۇنداق دېدى: بىز ئاددىيلا قىلىپ ئىمپورت مەھسۇلاتلاردىن ئاغرىنساق بولمايدۇ، چوقۇم يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مەسىلىنى تەھلىل قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىشىمىز كېرەك، جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك كەسپىنىڭ بۇ بىر قانچە يىلدىكى تەرەققىياتى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئايرىلالمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش ئېلىمىزنىڭ سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق يول ھېسابلىنىدۇ.

     گاۋ خۇڭبىننىڭ قارىشىچە، ئورتاق ھەمكارلىشىش، ھەمكارلىق جەريانىدا رىقابەتلىشىش، رىقابەت جەريانىدا ئورتاق مەنپەئەتلىنىش جەريانىدا جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك كەسپى بىلەن خەلقئارانىڭ ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان.

     ئېلىمىز سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا گەرچە مۇئەييەن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىيات پۇرسىتى يوق ئەمەس. گاۋخۇڭبىننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق سۈت ئىستېمال مىقدارى .2 36 كىلوگىرام بولۇپ، بۇ دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن، ئېشىش بوشلۇقى نىسبەتەن چوڭ ئىكەن. ئېلىمىزدە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقىنىڭ تۆۋەنلىشى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتاردىكى شەھەرلەر ۋە يېزىلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ كېڭىيىشىنى زور بوشلۇققا ئىگە قىلىدىكەن.

     ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ زور چەكتە ساقلاپ قېلىنغاندىلا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان يېڭى سۈتنىڭ بازىرى بولىدۇ

     گاۋخۇڭبىن ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك كەسپىدە كارخانىلارنىڭ قارىغۇلارچە رىقابەتلىشىش ۋەزىيىتى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ، بۇ كەسىپ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى. نۆۋەتتە سۈتچىلىك كارخانىلىرى ئاساسلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى ‹‹يىلى››، ‹‹مېڭنيۇ›› قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تەسىر كۈچى زور كارخانىلار، يەنە بىرى سۈتنى يېڭى پېتى ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان رايون خاراكتېرلىك كارخانىلار.

     كەسكىن بازار رىقابىتىدە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن چوقۇم كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە سۈتچىلىك كارخانىلىرىنى قۇرۇش كېرەك. ‹‹يىلى›› گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى پەن گاڭنىڭ قارىشىچە، ئېلىمىز سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىنىڭ دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى بىلەن باغلىنىشى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، سىرتقا يۈزلىنىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

     رايون خاراكتېرلىك كارخانىلارنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئۇلار يېڭى سۈتنى پۈتۈن مۇساپە بويىچە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئەڭ زور چەكتە ساقلاپ قېلىپ، سۈت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇيۇق ھالەتتىكى سۈتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى، ئەمما تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان سۈتنىڭ سېتىلىش مىقدارى %.3 24لىك ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، نۆۋەتتە بۇنىڭغا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ سانى 400دىن ئېشىپ، رايون خاراكتېرلىك كارخانىلاردىن باشقا چوڭ كارخانىلارمۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان سۈت ئىشلەپچىقىرىش كەسپىگە قەدەم قويدى.

     ئىلگىرى ئىچىدىغان سۈت بولۇش، سۈت بىخەتەر بولۇش كارخانىلارنىڭ قوغلىشىش نىشانى ئىدى، ھازىر بۇ نىشان ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، ساغلام سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەردى. يېڭى سۈتنى پۈتۈن مۇساپە بويىچە سوغۇق ھالەتتە ساقلاپ، سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ۋە تەمىنى ئەڭ زور چەكتە ساقلاپ قېلىش سۈتچىلىك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى.

     گاۋخۇڭبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلانغان يېڭى سۈت سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما بۇ نىسبەت ئېلىمىزدە %15لا بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلام يېمەكلىككە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ كۈچىيىشى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، رايون خاراكتېرلىك سۈتچىلىك كارخانىلىرىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

    ‹‹خەلق گېزىتى››دىن   

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.