مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    كۇچا ناھىيەسىدە دېھقان–چارۋىچىلار سەنئەت كۆرىكى باشلاندى

    مەۋلۇدە2017-08-10 10:09:43تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        9-ئاۋغۇست، ساقساق مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى سەنئەت ئەترىتىدىكىلەر نومۇر كۆرسەتمەكتە .

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، ناخشا – ئۇسسۇل ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» تېمىسىدىكى 21-قېتىملىق دېھقان–چارۋىچىلار سەنئەت كۆرىكى 9-ئاۋغۇست مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىدە باشلاندى .

        بۇ قېتىمقى كۆرەككە ناھىيە بويىچە 14 يېزا-بازار، مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرىدىكى 14 سەنئەت ئەترىتىدىكى 900 دىن ئارتۇق ئەلئىچى سەنئەتكار قاتناشقان بولۇپ، 9-ئاۋغۇستتىن 12-ئاۋغۇستقىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ناخشا-ئۇسسۇل، ئېتۇت نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدىكەن.

      9-ئاۋغۇست، ساقساق مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى سەنئەت ئەترىتىدىكىلەر نومۇر كۆرسەتمەكتە .

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.