مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى

    ئامانگۈل2017-08-09 11:29:20شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

     يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. 70 يىللىق مول نەتىجە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 8 – ئاينىڭ 8 –كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىۋى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

     بوستانلىق شەھەر كۆكخوت ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ھەممە يەردە رەڭدار بايراقلار جەۋلان قىلىپ، شاد – خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان 12 مىڭدىن كۆپرەك كادىر، ئامما مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزىگە يىغىلىپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. كاتتا يىغىن مەيدانىدا ‹‹گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن شوئار يېزىلغان پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، يىغىن مەيدانىغا موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى›› دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، يىغىن مەيدانى ئادەملەرگە لىق تولغانىدى.

     ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ليۇ يەندۇڭ يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

     يۈ جېڭشېڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىمەكتە. مەن ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر، ئىچكى موڭغۇلدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان بارلىق يولداشلار، دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

     يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: 70 يىل ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. بۇ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى جۇڭگو ئىنقىلابى، جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇلۇغ يېڭىلىق، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تەرەققىيات يېڭى دەۋرىنى باشلىدى، بۇ، دۆلىتىمىزدە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تارىخىدا شانلىق سەھىپە يارىتىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇل ئەسلىھەلەر زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى، مىللىي مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىتتىپاق، ئىناق بولدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. بۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى غايەت زور ھالقىش، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى.

     يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ياردىمى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

     يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىمۇ تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدا يارقىن مەنزىرە يارىتىپ، ‹‹گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش›› ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.

     يۈ جېڭشېڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: 70 يىللىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى داۋاملىق ئورتاق يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قازىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

     ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى ھەم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بىز جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرى ۋە قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ‹‹گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش›› ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ مەنزىرە رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇشىمىز كېرەك.

     موڭغۇل ئاممىنىڭ ۋەكىلى سىچىنبات ۋە خەنزۇ ئاممىنىڭ ۋەكىلى گو شياۋخۇڭمۇ يىغىندا سۆز قىلدى.

     ئارقىدىن داغدۇغىلىق ئاممىۋى ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئويۇن ‹‹گۈزەل ئىچكى موڭغۇل››، ‹‹يايلاق مېلودىيەسى››، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش››تىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

     مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ليۇ يەندۇڭ، سۈن چۈنلەن، جاڭ پىڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، جاڭ ياڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، شۇنىڭدەك ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.