مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    2020-يىلى قاراماي شەھىرى شىنجاڭدىكى تۇنجى ساغلام شەھەر بولۇشنى پىلانلىدى

    مەۋلۇدە2017-08-09 10:36:32تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    8-ئاۋغۇست، قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساغلام شەھەر قۇرۇش سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى

     ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 8-ئاۋغۇست قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساغلام شەھەر قۇرۇش سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قاراماي شەھىرى 2020-يىلىغا بارغاندا ئولتۇراقلىشىشقا ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان، جەمئىيەت ئىناق بولغان، ئاھالىلىرى ساغلام بولغان، مۇلازىمىتى ئەلا بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان ساغلام شەھەر ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ساغلام شەھەر بولۇشنى پىلانلىغان.

     قاراماي شەھىرى 2003-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن پاكىز شەھەر نامىغا ئېرىشكەن، 2007-يىل دېكابىردا مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسى قاراماي شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى ساغلام شەھەر سىناق نۇقتىسى بولۇشىنى تەستىقلىغان، بۇنىڭ بىلەن قاراماي شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئالتە سىناق قىلىنىدىغان شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.