مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    كۇچا ناھىيەسىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارغا قايتا يورۇقلۇق ئاتا قىلىش قۇرۇلۇشى باشلاندى

    مەۋلۇدە2017-08-08 11:33:40تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىسى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىرلىكتە يولغا قويغان كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارغا قايتا يورۇقلۇق ئاتا قىلىش قۇرۇلۇشى 7-ئاۋغۇست ئىشخىلا بازىرىنىڭ قۇمئېرىق ئىجتىمائىي رايونىدا باشلاندى. شۇ كۈنى قۇمئېرىق ئىجتىمائىي رايوندىكى 100 دىن ئارتۇق بىمار تەكشۈرۈلۈپ، كۆزىگە ئاق چۈشكەن 20 بىمار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتى.

       ئىگىلىنىشچە، كۇچا ناھىيەسىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارغا قايتا يورۇقلۇق ئاتا قىلىش قۇرۇلۇشى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمار ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.