مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك چارىلەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى باشقۇرۇش چارىسى

    ئامانگۈل2017-08-02 17:13:35شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    205 – نومۇرلۇق

     ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى باشقۇرۇش چارىسى›› 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 52 – يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى. ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2017 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

    2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى

      1 – ماددا مەزكۇر چارە كۆمۈر بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوت رايونىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن مۇداپىئەلىنىش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈپ چىقىلدى.

      2 – ماددا ئاپتونوم رايون مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مەزكۇر چارىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

     3– ماددا مەزكۇر چارىدە ئېيتىلغان كۆمۈرلۈك ئوت رايونى كۆمۈرلۈك رايونى ئىچىدىكى كۆمۈر قاتلىمىدا ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن ئوت ئاپىتى رايونىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئوت رايونىنى تۈزەش ئوت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تۈزەش پىلانى تۈزۈش، ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش نەتىجىلىرىنى قوغداش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     4 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشتە بىر تۇتاش پىلانلاش، تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى تەڭ يولغا قويۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

     5 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، كۆمۈر، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، مۇھىت ئاسراش، ساياھەتچىلىك، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنى تەشكىللەپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشتىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى لازىم.

     6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشكە دائىر كونكرېت خىزمەتلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاپتونوم رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

     ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسى ئىچىدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىغا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

     7 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، سانى، كۆلىمى، زىيىنى ۋە ئوت ئېلىش سەۋەبى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئوت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىشى ھەمدە كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى كۆمۈرلۈك ئوت رايونى جايلاشقان ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى(مەمۇرىي مەھكىمە)گە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

     8 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى جايلاشقان ناھىيەلىك(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى بولمىغان كۆمۈرلۈكلەردىكى ئوت رايونى ئەتراپىغا تاختا ئورنىتىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى ھەمدە ئوچۇق يالقۇنلۇق ئوت رايونى ياكى ئاسانلا خەۋپ كۆرۈلىدىغان رايونلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى تەسىس قىلىپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئادەم ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

     9 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى جايلاشقان ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى(مەمۇرىي مەھكىمىلەر) كۆمۈرلۈك ئوت رايونى ياكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونى ئەتراپىدىكى سېلىنىپ بولغان ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى ھەمدە يولغا قويۇلۇپ بولغان ئېچىش قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋپ – خەتەرنى باھالاشقا تەشكىللەپ، ئوت رايونىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ۋە جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغانلارنى تەدبىر قوللىنىپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

     10 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر باشقۇرۇش مەمۇرىي تارماقلىرى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىشى كېرەك.

     كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى تەستىقلانغان كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش يىرىك پىلانى بويىچە يولغا قويۇش لازىم.

     11 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى نۇقتىلىق ئوت رايونى، ئادەتتىكى ئوت رايونى، كان قېزىش ھوقۇقى ئىگىسى بار ئوت رايونى، كان قېزىش ھوقۇقى ئىگىسى يوق ئوت رايونى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

     كان قېزىش ھوقۇقى ئىگىسى يوق نۇقتىلىق ئوت رايونىنى دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ تۈزەيدۇ، ئادەتتىكى ئوت رايونىنى ئاپتونوم رايون مەبلەغ چىقىرىپ تۈزەيدۇ؛ كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى بار نۇقتىلىق ئوت رايونى، ئادەتتىكى ئوت رايونلىرىنى كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى مەبلەغ چىقىرىپ تۈزەيدۇ.

     12 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا، ئوت رايونىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش، تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى دەسلەپكى لايىھەسى (مۇمكىنلىك تەتقىقاتى دوكلاتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) تۈزۈش كېرەك.

     ئوت رايونىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ. ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى دەسلەپكى لايىھەسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ تۈزەيدىغانلىرىدا، ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى دەسلەپكى لايىھەسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ.

     كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشتە، ئوتلاق، ئورمانلارنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، كۆمۈرلۈك ئوت رايونى ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزگەندە، قۇرۇلۇش تەخمىنىي چوت ھېساباتىدا تۆلەم بېرىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى بىر تۇتاش ئويلىشىش كېرەك.

     13 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش بويىچە چارلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن دۆلەت بەلگىلىگەن مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇشى لازىم.

     14 – ماددا كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى كان ئېچىش ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە ئوت رايونى دائىرىسىدە ياكى ئاسان خەۋپ يۈز بېرىدىغان رايوندا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك.

     كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى مۇناسىپ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان ئورۇنلارغا تۈزەش ۋەزىپىسىنى ھاۋالە قىلغاندا، ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ بىلەن توختام ئىمزالاپ، تۈزەش ۋەزىپىسى، مۇددىتى، مەسئۇلىيىتى ۋە تاماملاش ئۈنۈمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم.

     15 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغۇچى ئورۇن تەستىقلانغان ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى دەسلەپكى لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن تۈزەش دائىرىسى، تاماملاش مۇددىتى بويىچە قۇرۇلۇشقا تەشكىللىشى ھەمدە كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش ئۆلچىمى ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلىق ئۆلچەملەرنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

     قۇرۇلۇش جەريانىدا لايىھەنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى تارماقنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش لازىم.

     16 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇن كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدا سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈشى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

     17 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئوت رايونىنى تۈزەش بىلەن مۇھىت تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئوت رايونى ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىشى كېرەك. تەستىقلانغان تۈزەش دائىرىسىدىن ھالقىپ خالىغانچە توپا ئېلىش، شېغىل قېزىشقا بولمايدۇ. تۈزەش قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەدبىر قوللىنىپ يەرنىڭ قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

     18 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى جايلاشقان ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى، كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىدا ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىش (ئوتلاق، ئورمان يېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، توپا ئېلىش ۋە سۇ ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

     19 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تامامەن ئاخىرلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن، تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە ئوت ئۆچۈرۈش ئۆلچىمىگە يېتىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرىدا، ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقىغا پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

     20 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەسئۇل تارماقلىرى كۆمۈر، مەمۇرىيەت، مۇھىت ئاسراش، زېمىن بايلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە كۆمۈرلۈك ئوت رايونى جايلاشقان ئورۇندىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) بىرلىكتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى تەشكىللىشى كېرەك؛ دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ تۈزەيدىغان قۇرۇلۇشلاردا، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا يوللاش لازىم.

     ئوت رايونىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلارغا، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللىگەن تارماقلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەستىق ھۆججىتى چۈشۈرۈشى؛ كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى يوق ئوت رايونىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىرىدا، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللىگەن تارماقلار ئۆتكۈزۈۋېلىش تەستىق ھۆججىتى، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش دوكلاتى، ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى پۈتكەنلىك تەكشىلىك ئىسخېمىسى قاتارلىق ئوت ئۆچۈرۈش نەتىجىسى ماتېرىياللىرىنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ( مەمۇرىي مەھكىمىلەر)گە تاپشۇرۇشى كېرەك.

     21 – ماددا شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، يەردىن پايدىلىنىش، ئوتلاق قوغداش قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىش، ئورمانچىلىق، قاتناش، ساياھەتچىلىك، تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانلىرى كۆمۈرلۈك ئوت رايونلىرىغا چېتىلسا، كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە ئوت رايونىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تۈزەش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇناسىپ ھالدا تەڭشەش كېرەك.

     تاشيول، تۆمۈريول ياكى باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويغاندا، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدىن چەتنەش لازىم؛ چەتنەشكە ئىمكانىيەت بولمىسا، مەخسۇس تۈر بويىچە دەلىللەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار مەزكۇر تۈرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندا، كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى لازىم.

     22 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى دائىرىسى ئىچىدە تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتىن سىرت، باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى، ساياھەتچىلىك ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ؛ ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ئالاقىدار گۇۋاھنامىلەرنى تارقىتىپ بېرىشىگە بولمايدۇ.

     23 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى جايلاشقان ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) ئوت ئۆچۈرۈش نەتىجىسىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.

     ئالاقىدار ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، تۈزەش تاماملانغان ئوت رايونلىرىنى قەرەللىك ئايلىنىپ تەكشۈرۈشى، ئوت رايونىدا قايتا ئوت ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ قايتا ئوت ئېلىش ئەھۋالى يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت بولسا، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ خەۋپنى تۈگىتىشى ھەمدە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا دوكلات قىلىشى لازىم.

     24 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارماقلىرى تۈزەش تاماملانغان ئوت رايونىدىكى كۆمۈر بايلىقىغا كانچىلىق ھوقۇقى بەرگەندە، تەڭ دەرىجىلىك كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ يازمىچە پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

     25 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوت رايونىنى تۈزەش نامىدا كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشى ياكى قالايمىقان كۆمۈر قېزىشىغا؛ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە كونترول قىلىش ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىشىغا؛ تۈزەش تاماملانغان ئوت رايونىدىكى قاپلىما قەۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان قېزىشىغا بولمايدۇ.

     26 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا، كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان قازغانلارنى بايقىسا، ۋاقتىدا يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقىغا ئۇقتۇرۇشى؛ زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

     27 – ماددا كۆمۈر ئوت رايونى جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، زېمىن بايلىقى، كۆمۈر، مۇھىت ئاسراش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ بىرلىكتە قانۇن ئىجرا قىلىپ، قانۇنسىز ئېچىلغان كانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە تاقىۋېتىشى، كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان قېزىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، يېڭى ئوت رايونىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئەسلىدە بار بولغان ئوت رايونلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۆچۈرۈلگەن ئوت رايونلىرىنىڭ قايتا ئوت ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

     28 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونى جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ تاشلىۋېتىلگەن كان قۇدۇقلىرىنى قانۇن بويىچە تاقىۋېتىشى، تاشلىۋېتىلگەن كان قۇدۇقلىرىنى تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ھەمدە تۆۋەندىكىدەك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك:

     (1) دۆلەتنىڭ كان قۇدۇقلىرىنى تاقاشقا دائىر بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەملىرىنى ئىجرا قىلىش، ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلەرنى چۇۋۇش، قۇدۇقنى پارتلىتىپ ياكى ھىملەپ ئېتىپ تولدۇرۇۋېتىش، مەيدانلارنى تۈزلىۋېتىش، ئېتىۋېتىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

     (2) تەۋەلىكىدىكى كان قۇدۇقلىرىنى ئېتىش ۋە تاشلىۋېتىلگەن كان قۇدۇقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، تاقىۋېتىلگەن ۋە تاشلىۋېتىلگەن كان قۇدۇقلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش، جانلىق ئۇچۇرلارنى ئىز قوغلاپ باشقۇرۇش؛

     (3) ئوت ئاپىتى قاتارلىق بىخەتەرلىككە دائىر يوشۇرۇن خەۋپنى بايقىغاندا، يوشۇرۇن خەۋپ رايونىنى بېكىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا تۈزەش.

     29 – ماددا كان چارلاش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى چارلاش مەشغۇلاتىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشى؛ چارلاش مەشغۇلاتى تاماملانغاندىن كېيىن، كان چارلاش مەشغۇلاتىدا قېپقالغان قۇدۇق، خاڭلارنى ئېتىۋېتىشى، تىندۇرۇشى ياكى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.

     30 – ماددا كۆمۈر كان كارخانىلىرى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار، كۆمۈركان بىخەتەرلىك قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، كان قۇدۇقى (كۆمۈرلۈك)نىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆمۈرلۈكتە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

     31 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاپپاراتلىرى كۆمۈرلۈك ئوت رايونىدىكى ئالدىن سىگنال بېرىشكە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆيۈش رايونى، تۈزەش تاماملانغان رايون ۋە ئاسان كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتى خەۋپى كۆرۈلىدىغان رايونلارنى جانلىق كۆزىتىپ ئۆلچىشى لازىم.

     32 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىۋاسىتە مەسئۇللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ:

     (1) كۆمۈرلۈك ئوت رايونى دائىرىسى ئىچىدە باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى، ساياھەتچىلىك ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلەرنى تارقىتىپ بېرىش؛

     (2) ياخشى باشقۇرماسلىق ياكى قاتتىق باشقۇرماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تۈزەش تاماملانغان ئوت رايونىدا قايتا ئوت ئېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

     (3) كان قۇدۇقلىرىنى ئۆلچەم بويىچە تاقىماسلىق ياكى تاشلىۋېتىلگەن كان قۇدۇقلىرىنى تۈزەشكە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق سەۋەبلىك كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

     (4) كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان قېزىش قىلمىشىنى بايقاپ تۇرۇپمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماسلىق ياكى قانات ئاستىغا ئېلىش، مەيلىگە قويۇۋېتىش سەۋەبلىك ئوت رايونىنىڭ كېڭىيىشى، تۈزەش تاماملانغان ئوت رايونىنىڭ قايتا ئوت ئېلىش ئەھۋالىنى ياكى يېڭى ئوت رايونىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

     (5) ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشقا دائىر باشقا قىلمىشلار.

     33 – ماددا كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇددەت ئىچىدە تۈزەشكە بۇيرۇيدۇۋە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

     34 – ماددا كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قىلغۇچى ئورۇن مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلىغان ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى دەسلەپكى لايىھەسى بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماي، قۇرۇلۇش جەريانىدا ئۆز مەيلىچە لايىھەنى ئۆزگەرتسە ياكى كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتى ئوت ئۆچۈرۈش ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ئۆلچەملەرنى ئىجرا قىلمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

     35 – ماددا مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونى دائىرىسى ئىچىدە باشقا ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت، ساياھەتچىلىك ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

     36 – ماددا مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە كونترول قىلىش ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

     37 – ماددا كان ئېچىش ھوقۇقى ئىگىسى، كۆمۈركان كارخانىلىرى مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانماي ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇددەت ئىچىدە تۈزەشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۇددەت ئىچىدە تۈزىمىگەنلەر ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ بىخەتەرلىك ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     38 – ماددا مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت رايونىنى تۈزەش نامىدا كۆمۈر بايلىقىنى ئاچقان، قالايمىقان قازغان ياكى تۈزەش تاماملانغان ئوت رايونى قاپلىما قەۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان قازغانلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ كۆمۈر بايلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ مۇھىت بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سەۋەبلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

     39 – ماددا مەزكۇر چارە 2017 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.