مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۈرۈمچى ساقچىلىرى 48 سائەت ئىچىدە مىليون يۈەن نەق پۇلغا چېتىلىدىغان پەۋقۇلئاددە زور ئوغرىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى

    بۇئايشەم2017-08-02 10:16:42تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ چوڭ ئەترەت 48 سائەت ئىچىدە تەۋەلىكىدىكى 1 مىليون يۈەن نەق پۇل ئوغرىلاشقا ئائىت دېلونى پاش قىلىپ، 14-ئىيۇل سائەت 20:00 دە قەشقەر شەھىرىگە قاچقان جىنايەت گۇماندارى جاڭ X نى قولغا چۈشۈرگەن.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 30-ئىيۇن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن شېڭ خانىم ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مېھمانخانىغا چۈشكەن. 5-ئىيۇل شېڭ خانىمنىڭ ئاتا-ئانىسى جىددىي ئىش سەۋەبلىك قەشقەرگە قايتماقچى بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان 1 مىليون يۈەن نەق پۇل سېلىنغان سومكىنى قىزىغا تاپشۇرغان. شۇ كۈنى كەچ شېڭ خانىم سومكىنى دوستى لى خانىمنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا قويۇپ قويغان. بۇ مەزگىلدە شېڭ خانىم سومكىنى ئېچىپ نەق پۇلغا قاراپ باقمىغان، 12-ئىيۇل شېڭ خانىم قەشقەرگە قايتماقچى بولغاندا نەق پۇلنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال دېلو مەلۇم قىلغان.

     ساقچىلار قايتا-قايتا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شېڭ خانىمنىڭ دوستى لى خانىمنىڭ ئاپىسى جاڭ X تىن گۇمانلانغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاڭ X نىڭ 12-ئىيۇل 800 مىڭ يۈەننى بانكا ھېساباتىغا كىرگۈزگەنلىكى، كېيىن يەنە بىر كارتا بېجىرىپ، 200 مىڭ يۈەننى قەرەللىك بانكىغا قويغانلىقى مەلۇم بولغان. 13-ئىيۇل جاڭ X قەشقەر شەھىرىگە قاچقان. رازۋېدكىچىلار تېزدىن قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 14-ئىيۇل سائەت 20:00 دە جىنايەت گۇماندارى جاڭ X نى قولغا چۈشۈرگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.