مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەنلەر چوقۇم رىئايە قىلىدىغان مەزمۇنلار

    مەۋلۇدە2017-07-28 11:00:16تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

     (1) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيەدىن ئىجرا ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز چىقماسلىق؛

     (2) ئادرېسى، ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئۆزگەرگەندە ئىجرا ئورگىنىغا 24 سائەت ئىچىدە مەلۇم قىلىش؛

     (3) سوئال سوراشقا چاقىرتىلغاندا ۋاقتىدا ھازىر بولۇش؛

     (4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە ھەرقانداق ئۇسۇلدا كاشىلا قىلماسلىق؛

     (5) دەلىل-ئىسپاتلارنى يوق قىلىۋەتمەسلىك، ياسىۋالماسلىق ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋالماسلىق.

     ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كېپىلگە بېرىلگەن جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنى دېلو ئەھۋالىغا قاراپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ بىر ياكى بىرقانچىسىگە رىئايە قىلىشقا بۇيرىسا بولىدۇ:

     (1) مۇئەييەن سورۇنغا كىرمەسلىك؛

     (2) مۇئەييەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمەسلىك ياكى خەت-ئالاقە قىلماسلىق؛

     (3) مۇئەييەن پائالىيەتنى قىلماسلىق؛

     (4) پاسپورت قاتارلىق چېگرادىن كىرىش-چىقىش كىنىشكىلىرى ۋە پىراۋىنى ئىجرا ئورگىنىنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە تاپشۇرۇش.

    باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكمىسىدىن ياسىنجان موللاجى تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.