مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    جەنتەن كارىز كەنتىدىكى ئىناق قوشنىلار

    مەۋلۇدە2017-07-27 17:13:57شىنجاڭ گېزىتى

    مىجىت ئىبراھىم

     پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى جەنتەن كارىز كەنتىدىكى تيەن شياۋسۈي بىلەن روسۇل مۇھەممەت بىر – بىرىگە كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

     تيەن شياۋسۈي 1986 – يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن جەنتەن كارىز كەنتىگە كېلىپ ماكانلاشتى، ئۇ ئوچۇق – يورۇق، چىقىشقاق مىجەزى بىلەن كەنتتىكىلەر بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتتى ھەمدە يۇرتداشلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھازىرقى خوتۇنى بىلەن توي قىلىۋالدى. روسۇل مۇھەممەت بىلەن تيەن شياۋسۈينىڭ يېشى ئون نەچچە ياش پەرق قىلسىمۇ، ئۇلار يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالدى. روسۇل مۇھەممەت تيەن شياۋسۈيگە قوغۇن، ئۈزۈم ۋە كېۋەز پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ قويدى، تيەن شياۋسۈي روسۇل مۇھەممەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىپ، بىر نەچچە يىلغا قالمايلا كەنت بويىچە بېيىش ماھىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

     2010 – يىلى يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، تيەن شياۋسۈي يەر سۇغىرىش جەريانىدا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ، ئېتىز بېشىدىلا يېقىلىپ قالىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان روسۇل مۇھەممەت دەرھال ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتى بىلەن ئۇنى يېزىلىق شىپاخانىغا ئېلىپ بېرىپ ياتاققا ئالدۇرىدۇ ھەم ئۈچ كۈن تاماق ئەكىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئىشتىن قاتتىق تەسىرلەنگەن تيەن شياۋسۈي ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن قوتىنىدىكى بىر قوينى بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئېلىشنى رەت قىلىدۇ.

     تيەن شياۋسۈي روسۇل مۇھەممەت سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ چارۋا ماللىرىنى بېقىپ بېرىپ، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ. روسۇل مۇھەممەت تيەن شياۋسۈينىڭ يەر قوشنىسى بولغاچقا، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ يەر سۇغىرىش، تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە ياردەم ئۇلارنى يېقىن دوستلارغا ئايلاندۇرىدۇ.

     ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، روسۇل مۇھەممەت بىلەن تيەن شياۋسۈي ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى ھەمدە ئىككىسى بىرلىشىپ 5000 يۈەن چىقىرىپ، كەنتتىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ مېيىپ، كېسەلچان كىشىلەر ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بەردى.

     روسۇل مۇھەممەت بۇ يىل ئەمىن ئۆي سېلىپ، تيەن شياۋسۈي بىلەن قوشنا بولدى. ھازىر كەنت ئاھالىلىرى بۇ ئىككى ئائىلىنى مىللىتى، تىلى ئوخشىمايدىغان ‹‹ئىناق قوشنىلار›› دەپ تەرىپلىشىدۇ. تيەن شياۋسۈي مۇنداق دېدى: روسۇل مۇھەممەت بىلەن تونۇشقىلى ئۇزاق بولدى. ھازىر بىر تۇغقاندەك بولۇپ قالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بىر – بىرىمىزگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ ئۆتىمىز.

     كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى ئاينىساخان مۇنداق دېدى: روسۇل مۇھەممەت بىلەن تيەن شياۋسۈي كەنتىمىزدىكى ‹‹ئىناق قوشنىلار››نىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپلا قالماستىن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردۇر.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.