مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ‹‹ئەلنىڭ غېمى بىزنىڭ غېمىمىز››

    مەۋلۇدە2017-07-27 17:05:41شىنجاڭ گېزىتى

    مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئالتۇنگۈل ھاشىم

     ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى يىرما كەنتىدىكى دېھقانلار 7 – ئاي كىرگەندىن بۇيان شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ياڭاق دەرەخلىرى، ئېتىزىدىكى ئوخشىغان بەرەڭگى، ھويلا – ئارانلىرىغا ياسىغان پارنىكلىرىدىكى ئوخشىغان كۆكتاتلىرىدىن مول ھوسۇل ھېسلىرىغا چۆمدى. بۇ خۇشاللىق ھېسلىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدىن كەلگەنىدى.

     ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى يىرما كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كەنتتىكى ياڭاق دەرەخلىرى تېخنىكىلىق پەرۋىش قىلىنمىغاچقا ھوسۇلىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ ھويلا – ئارانلىرىدىن تولۇق پايدىلانمىغانلىقى، كۆكتات تېرىماي بازاردىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.

     بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئىشنى ئاۋۋال ھويلا – ئارانلارنى رەتلەش، ئۆزگەرتىشتىن باشلىدۇق. ئىدارىنىڭ قوللىشى بىلەن 160 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ھويلا ئارانلىرى ۋە بېغىدىكى قېرى دەرەخلەرنى بىر تۇتاش كەستۈرۈپ ۋە دەرەخ كۆتەكلىرىنى كولىتىپ، كۆكتات تېرىش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىشكە تەييارلىدۇق؛ 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، 65 مىڭ تۈپ ئۆرۈك، ئالما، ياڭاق، ئۈزۈم كۆچىتى ۋە مەنزىرە دەرىخى، 12 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، 24 مىڭ تۈپ كۆكتات مايسىسى ۋە قوغۇن تاۋۇز، كۆكتات ئۇرۇقلۇقى سېتىۋېلىپ دېھقانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردۇق. ھازىر بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ھويلا ئارانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە رەتلىنىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە بىر مودىن يېرى كۆپىيىپ، ھەممە ئائىلە باغلىرىغا مېۋىلىك كۆچەت، ئۈزۈم تېلى قويۇپ باراڭ ياسىدى، كۆچەتلەرنىڭ ئارىسىغا كۆكتات تېرىپ، كۆكتات سېتىۋالىدىغان چىقىمىنى تېجەپ قالدى، دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئېزىزجان غوجى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ.

     بىز كەنتنىڭ 1 – گۇرۇپپىسىغا كەلگىنىمىزدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن ئېزىز ياڭاقلىق باغدا دېھقانلارغا ياڭاقنىڭ نۆۋەتتىكى تېخنىكىلىق پەرۋىشىنى چىڭ تۇتۇش توغرىلىق يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. توختى تۇنىياز ئائىلىسىنىڭ يەتتە مو ياڭاقلىق يېرى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىدىكى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياڭاق دەرەخلىرىنى ئىنچىكە پەرۋىش قىلغاچقا، ياڭاق دەرەخلىرى ئوبدان مېۋە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ياڭاق دەرەخلىرىنى تېخنىكىلىق پەرۋىش قىلىشقا سەل قارىغىنىم ئۈچۈن، ھەر مو يەردىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000 يۈەن ئەتراپىدىلا كىرىم قىلاتتىم، بۇ يىل ياڭاق ھوسۇلىنىڭ %30 ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

     بۇ كەنتتە 5000 مو ياڭاقلىق باغ بولسىمۇ، تېخنىكىلىق پەرۋىش قىلىنمىغانلىقتىن، ھوسۇلى تۆۋەن ئىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ باغ – ئورمانچىلىق جەھەتتىكى كەسپىي تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئەۋەتكەن ئالتە تېخنىك بىلەن بىللە 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دېھقانلارنى كەچتە باغ پەرۋىشى نەزەرىيەۋى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىسە، كۈندۈزى نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلىدى ۋە كەنتتىكى چاتالمىغان ياڭاق دەرەخلىرىنى چاتاپ، 2500 مو يەردىكى ياڭاق كۆچىتىگە يېڭى سورت ئۇلىدى. 38 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ياڭاق چاتاش قايچىسى، ھەرە قاتارلىق 200 يۈرۈش ئىلغار چاتاش ئۈسكۈنىسى، 50 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ ئون توننا ھاك – گۈڭگۈرت بىرىكمىسى، 15 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ ياڭاق كۆچەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى سېتىۋېلىپ، دېھقانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. 31 مىڭ 600 يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ قۇياش ئېنېرگىيەلىك ھاشارات يوقىتىش چىرىغى ۋە ھاشارات يوقىتىش يالتىراق تاختىسى سېتىۋېلىپ ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىغا ئاستى. نەتىجىدە، بۇ يىل يىرما كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ياڭاقلىرى يىللاردىكىدىن ئوخشاپ، ياڭاقلىق باغدىن قىلىدىغان كىرىمىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

     خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە دېھقانلارنىڭ خاس باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، 3 – گۇرۇپپىدىكى مەمەت موللاتوختى ئائىلىسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن 35 مىڭ تۈپ ئەلا سورتلۇق ئۈزۈم قەلەمچىسىنى تىكىپ پەرۋىش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر بۇ ئۈزۈم كۆچەتلىرى ياخشى ئاينىۋاتقان بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى كېلەر يىلى ئەتىيازدا بۇ ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى بازار باھاسىدا سېتىۋېلىپ، دېھقانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

     خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكىلەرنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، كەنتتىكى دېھقانلار 1200 مو يەرگە ئەلا سۈپەتلىك كىراخمال بەرەڭگىسى تېرىشقا تۇتۇش قىلدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 50 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ بەرەڭگى تېرىش، توپا يۆلەش، يىغىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ئۈچ ماشىنا سېتىۋالدى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر كىلوگىرام كىراخمال بەرەڭگىسىنى 0.85 يۈەندىن سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى تۈزدى. بەرەڭگىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن، دېھقانلارغا 25 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ بەرەڭگىدىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى؛ 60 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ، تۇپراقنىڭ نېيتراللىقىنى ئاشۇرۇش ئوغۇتىدىن 15 توننا سېتىۋېلىپ، دېھقانلارغا تارقىتىپ بەردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.