مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ‹‹شەپقەتچىم، ھەم ياخشى قېرىندىشىم››

    ئامانگۈل2017-07-20 10:44:12شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خو يۈگاڭ

     ۋۇخەندىن كەلگەن گاۋ شىنۋېن 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سەھەردە يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرىنىڭ يۇقىرى چاقماقكۆل كەنتى ئاھالە كومىتېتىدا ئەمەت ئەھەت بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ‹‹ياخشى قېرىندىشىم، سىزگە رەھمەت!›› دېدى گاۋ شىنۋېن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.

     بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ھېكايىسىنى بىر ئاي بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل باش ئەتىيازدا گاۋ شىنۋېن تۈرگە مەسئۇل دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسى بىلەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن شىنجاڭغا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇلۇشىنى قىلىشقا كەلگەنىدى، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى تۆت قۇرۇلۇش ئورنى ئارىسىدا چېپىپ يۈرەتتى.

     گاۋ شىنۋېن 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئادىتى بويىچە موتوسىكلىتىنى مىنىپ قۇرۇلۇش ئورنىغا كېتىۋېتىپ، بىر دوقمۇشتىن بۇرۇلغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن موتوسىكلىتى بىلەن يول بويىدىكى پاتقاقلىققا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتتى. يېشى 50تىن ئاشقان گاۋ شىنۋېن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى، قۇتقۇزۇڭلار، دەپ توۋلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋازى چىقماي قالدى.

     ئېتىزلىققا مېڭىپ، مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەمەت ئەھەت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، كەتمىنىنى يول بويىغا تاشلاپلا گاۋ شىنۋېنغا قاراپ يۈگۈردى. بۇ ۋاقىتتا گاۋ شىنۋېننىڭ يۈزى ۋە پۇتى قانغا بويىلىپ، ئاغرىق ئازابىدىن گەپ قىلالماي قالغانىدى. ئەمەت ئەھەت گاۋ شىنۋېننى پاتقاقلىقتىن ئاۋايلاپ تارتىپ چىقاردى، ئاندىن ئۇنى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت بىلەن بازارلىق شىپاخانىغا ئېلىپ باردى.

     دوختۇر گاۋ شىنۋېننى جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى، ئەمەت ئەھەت گاۋ شىنۋېننىڭ موتوسىكلىتىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ ئامانلىق ساقلىغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

     ئەمەت ئەھەت بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئۇنى يوقلىغىلى بارغىنىدا گاۋ شىنۋېننىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.

     بۇ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، گاۋ شىنۋېننىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋالغان شەپقەتچىنى باشقىلار ئارقىلىق كۈندە ئىزدىگەنلىكىنى ئەمەت ئەھەت نەدىن بىلسۇن. 7 – ئايغا كەلگەندە گاۋ شىنۋېن شۇ جايدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكىلەرنى ئىزدەپ كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى بازىرى يۇقىرى چاقماقكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ چۈەن ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى تەشكىللەپ بۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاخىر بۇ ئىككىيلەننى كۆرۈشتۈردى.

     كۆرۈشۈشتە، گاۋ شىنۋېن تەسىرلەنگەن ھالدا كەنت ئاھالىلىرىگە يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى: شىنجاڭغا دەسلەپتە كەلگەندە بۇ يەر ماڭا ناتونۇش بىلىنگەن، ياتسىرىغانىدىم، ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلىشىدىكەنمىز، بىراق بۇ جايدا شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، سەمىمىيلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، خۇبېيغا قايتقاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ دوست – بۇرادەرلىرىمنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

     گاۋ شىنۋېن ئەمەت ئەھەتنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان جايغا بېرىپ ئىشلەپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.