مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى سۇغۇرتا ماجىراسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلدى

    مەۋلۇدە2017-07-19 16:15:29شىنجاڭ گېزىتى

        ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى سۇغۇرتا ماجىراسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى قۇرۇلدى، بۇ مۇرەسسە ھەيئىتى شەھەر دائىرىسىدە سۇغۇرتا ماجىرالىرىنى ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن كېلىشتۈرۈش ھەم سۇغۇرتا ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى قىلىدۇ.

        سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ئالاقىدار ماددىلار مۇرەككەپ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، ئۇ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. سۇغۇرتا ماجىراسى مۇرەسسە ھەيئىتى سۇغۇرتا ماجىرالىرىغا ھۆكۈم چىقىرىشتا مۇرەسسەگە سەل قاراشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، سۇغۇرتا ماجىراسىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.

        بۇ مۇرەسسە ھەيئىتى ج خ، تەپتىش، سوت ۋە سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 مۇرەسسەچىدىن تەشكىللەنگەن. ھازىر ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، بىڭتۈەن 12 – شىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدە خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى ھەم مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلەر خىزمەت تۈزۈمى، ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، خىزمەت تەرتىپى، دەۋاگەرنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى قاتارلىق قائىدە – تۈزۈملەرنى بېكىتتى.

        ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىلگىرى دوختۇر بىلەن ئاغرىق مۇناسىۋىتى، ئۆي – زېمىن خوجىلىقى، يول قاتنىشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار كەسپىي مۇرەسسە ھەيئەتلىرى قۇرۇلۇپ، ئەرز بىلەن مۇرەسسەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. سۇغۇرتا ماجىراسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.

    ئۆز خەۋىرىمىز

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.