مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    چېلىشىشقا باغلانغان ئۈزۈلمەس رىشتە

    مەۋلۇدە2017-07-19 16:06:02شىنجاڭ گېزىتى

     ئەكبەر ئىسمائىل

        چېلىشىشنىڭ گېپى بولسا 75 ياشتىن ئاشقان رازاق مەمەت ھېلىھەم ياش چاغلىرىدىكىدەك ھاياجانلىنىپ كېتەتتى، بىر ئۆمۈر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قان – تەرىنى تۆككەن بۇ چېلىشچى ئۇستاز يېقىندىن بۇيان ئادەتتىكىدىن ئالدىراش بولۇپ قالدى. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم تىرېنېر، تەنھەرىكەتچىلەرنى مۇسابىقە ئالدىدىكى مەشىقتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشكە بىر قانچە قېتىم تەكلىپ قىلغانىدى.

        رازاق مەمەت ھەر قېتىم چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە كەلسە ئۆزگىچە ھېس – تۇيغۇلارغا چۆمەتتى، ئۇ بۇ مەركەزنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئىدى. رازاق مەمەت مەشىق زالىدا چېلىشچى يىگىتلەرنىڭ قارا تەرگە چۆمۈپ مەشىق قىلغىنىنى بىردەم كۆرگەندىن كېيىن، كونا ئادىتى بويىچە دەرۋازا يېنىدىكى ئورۇندۇقتا سالقىنداپ ئولتۇردى. خىيالى ئۇنى شۇ تاپتا 1959 – يىلىغا، يەنى شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى قۇرۇلغان مەزگىلگە ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.

        * * *

        شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى 1959 – يىلى مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى قۇرۇلغانىدى. يەكەن ناھىيەسىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن رازاق مەمەت ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇنداق چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى.

        18 ياشلىق رازاق مەمەت شۇ يىلى 1 – ئايدا يەكەن ناھىيەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانلار چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 1 – لىككە ئېرىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان چېلىشىش مۇسابىقىسىگە تاللاندى، بۇ ئۇنىڭ كەسپىي چېلىشچىلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى 40 نەچچە يىلدا چېلىشچى سۈپىتىدە نۇرغۇن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپىيون بولدى، تىرېنېر سۈپىتىدە ئېلىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر چېلىشچىنى تەربىيەلىدى.

        قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان رازاق مەمەت 2 – ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايون بويىچە چېمپىيون بولدى. مۇسابىقىدە چېلىشىش تالانتىنى نامايان قىلغان رازاق مەمەت شۇ يىلى 6 – ئايدا قۇرۇلىدىغان شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىغا ئالدىن تاللاندى.

        شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى دەسلەپ قۇرۇلغاندا جۇڭگوچە چېلىشىش، قەدىمچە چېلىشىش، ئەركىن چېلىشىش كوماندىلىرىدا جەمئىي 40 نەچچە چېلىشچى بار ئىدى، بىز بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە مەشىق قىلغاندىن كېيىن مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتۇق، دېدى رازاق مەمەت، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى دۆلەت بايرىمىغا توغرا كەلدى، بىز تيەنئەنمېندە پاراتتىن ئۆتتۇق ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق.

        مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رازاق مەمەتنىڭ ياش قەلبىگە ھاياجان ئۇرۇقىنى چاچقانىدى، ئۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە 4 – لىككە ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئۇ شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىچكى موڭغۇل، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن قەدىمچە چېلىشىش، جۇڭگوچە چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، چېلىشىش تېخنىكىسىنى پەيدىنپەي تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزدىكى چېلىشىش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن رازاق مەمەت 1965 – يىلى 9 – ئايدا مەملىكەتلىك 2 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى ۋە قەدىمچە چېلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى، شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىمۇ كوللېكتىپ 1 – لىككە ئېرىشتى. ياپونىيە چېلىشىش كوماندىسى 1966 – يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو چېلىشىش كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان رازاق مەمەت ياپونىيەلىك چېلىشچىنى يېڭىپ، ئېلىمىزگە شەرەپ كەلتۈردى.

        شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى 1973 – يىلى قايتىدىن تەشكىللەندى، مەن شۇ چاغدىن باشلاپ تىرېنېر بولدۇم، دېدى رازاق مەمەت، دەسلەپكى يىللاردا ھەم تىرېنېر، ھەم تەنھەرىكەتچى بولدۇم، 1975 – يىلى مەملىكەتلىك 3 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگوچە چېلىشىش تۈرىگە قاتنىشىپ 6 – بولدۇم. قايتا تەشكىللەنگەن شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئېلىمىزدىكى ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى كوماندىدىن ئاستا – ئاستا ئالدىنقى قاتاردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك كوماندىغا ئايلاندى.

        بىر قانچە يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتى رازاق مەمەتنى كۆزگە كۆرۈنگەن تىرېنېرغا ئايلاندۇردى. دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتى 1977 – يىلى ئۇنى ئۈچ كىشىلىك تىرېنېرلار گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل قىلىپ، ئىراندا ئېچىلغان خەلقئاراچە چېلىشىش تىرېنېرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. ئىككى ئاي جەريانىدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىرېنېر، چېلىشچىلار بىلەن بىللە مەشىق قىلىش، ئۇلاردىن تەلىم ئېلىش ئارقىلىق رازاق مەمەتنىڭ چېلىشىش ماھارىتى ۋە تىرېنېرلىق سەۋىيەسى تېز ئۆستى. رازاق مەمەت ئىراندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتى ئۇنى دۆلەت خەلقئاراچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرلىقىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ دۆلەت خەلقئاراچە چېلىشىش كوماندىسىغا تىرېنېر بولغان تۇنجى ھەپتىسى چېلىشچىلارنى ئىراندا ئۆگەنگىنى بويىچە مەشىقلەندۈرۈپ، تىرېنېرلار گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ باش تىرېنېرلىققا ئۆستۈرۈلدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا دۆلەت خەلقئاراچە چېلىشىش كوماندىسىدا باش تىرېنېر بولغاندىن سىرت، قوشۇمچە شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا دۆلەت ۋە شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى مۇسابىقىلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. رازاق مەمەت 1981 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك تىرېنېرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

        مەملىكەتلىك 4 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1979 – يىلى 9 – ئايدا بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە ئالتە ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال ۋە بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچىدە زور دىققەت – ئېتىبار قوزغىدى. شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى 1980 – يىلى مەملىكەتلىك چېلىشىش مۇسابىقىدە 12 ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدال؛ 1981 – يىلى مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە سەككىز ئالتۇن مېدال؛ 1983 – يىلى شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 5 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆت ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال ۋە بەش مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۆھرىتىنى نامايان قىلدى.

        ئەينى چاغلاردا شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىنىڭ مەشىق شارائىتى ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنى قۇرۇپ، چېلىشىش كوماندىسىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا كۆپ كۈچىدى، دېدى رازاق مەمەت.

        رازاق مەمەت 2003 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققىچە شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى، باش تىرېنېرى ۋە باش مەسلىھەتچىسى بولدى، ئۇ تىرېنېر، باش تىرېنېر بولغان مەزگىلدە شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 118 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

        * * *

        ئاپتونوم رايونىمىزدىن قەدىمچە چېلىشىش، ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە 16 چېلىشچى بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپتۇ، بۇ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى، دېدى رازاق مەمەت خۇشال بولۇپ، چېلىشچىلارنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى مەشىقتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، مۇسابىقىگە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

        رازاق مەمەت دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتى 1965 – يىلى مەملىكەتلىك 2 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تارقاتقان ‹‹تەنھەرىكەت ماھىرى گۇۋاھنامىسى››نى چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالغاچ كەلگەنىدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئەتىۋارلاپ ساقلانغان قىزىل تاشلىق بۇ گۇۋاھنامە ئۇنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتى ۋە شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ شاھىتى ئىدى...

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.