مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    گىلەمچىنىڭ قىزى

    مەۋلۇدە2017-07-19 15:59:01شىنجاڭ گېزىتى

     ئۆركەش جاپپار

        ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قورغاس ناھىيەلىك ‹‹دەۋران›› گىلەمچىلىك پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تاجىگۈل ئابلىكىمنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ، 2017 – يىل 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قورغاس ناھىيەسىنىڭ سانائەت رايونىغا جايلاشقان گىلەم زاۋۇتىغا باردىم.

        -كەلگىنىڭىز ياخشى بوپتىكەن، ئەپسۇس، قىزىم بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئىدى، – دېدى تاجىگۈلنىڭ دادىسى ئابلىكىم قاسىم ئاكا ئۆزرە ئېيتىپ، ئۇ ئەتە كېلىدۇ، ئالدىرىمىسىڭىز زىيارەتكە ئەتە قايتا كەلسىڭىز بولىدۇ.

        مەن ئابلىكىم قاسىم ئاكا قەغەز ئىستاكانغا دەملەپ بەرگەن قېنىق چاينى ئىچكەچ، پاراڭنى ئاۋۇتتۇم. سۆزمەن، چىقىشقاق بۇ كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا قورغاس ناھىيەلىك مويكا گىلەم توقۇش سېخىدا تېخنىك بولغان ئىكەن. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كەلگەندە بۇ سېخنى ھۆددىگە ئېلىپ، 120 گىلەمچىنى باشقۇرغان ئىكەن. 1987 – يىلى كۈرە يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالاپ، نامراتلارنى يۆلەش گىلەم زاۋۇتىنى قۇرۇپ، بۇ زاۋۇتنى ئون يىل ماڭدۇرغان ئىكەن. يېڭى ئەسىرنىڭ ئالدى – كەينىدە ناھىيە بازىرىدا گىلەم توپ تارقىتىش مەركىزى قۇرۇپ، گىلەم تىجارىتى قىلغان ئىكەن.

        2003 – يىلى ئىككىنچى قىزىم تاجىگۈل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، يۇرتقا قايتىپ كەلدى، دېدى ئابلىكىم قاسىم ئاكا چايدىن ئوتلاپ قويۇپ، شۇ يىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ زۇياڭ شەھىرىدىكى يۈز نەچچە ئىشچىسى بار بىر گىلەم زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئالغانىدىم، تاجىگۈل قىزىم ‹‹مەنمۇ بېرىپ سىز بىلەن بىللە ئىشلەيمەن›› دەپ تۇرۇۋالدى، كىچىكىدىن توقۇش سېخىدا ئويناپ چوڭ بولغان بۇ قىزىمنىڭ گىلەمچىلىككە باشقىچە ئىشتىياقى بار ئىدى، شۇلارنى ئويلاپ ‹‹بىرەر خىزمەتنىڭ ئۇچۇرى بولغىچە ئىشلىسە ئىشلەپ تۇرمامدۇ دەپ›› ئۇنى ئېلىپ كەتتىم ۋە زاۋۇتنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق باشقۇردۇم، قىزىم ماڭا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىدى. توقۇپ چىقارغان مىللىي نۇسخىدىكى سۈنئىي گىلەملىرىمىز بازار تاپتى، پۇلنىمۇ خېلى تاپتۇق. كېيىن سۈنئىي گىلەملەرنىڭ بازىرى كاساتلاشقىلى تۇردى. يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇڭ گىلەم توقۇش زاۋۇتى قۇرۇش خىيالىمغا كىرىۋالدى. تاجىگۈل قىزىم ئوبدانلا ئىشقا ياراپ قالغانىدى. ئۇنى ئىچكىرىگە ئاپتوماتىك گىلەم توقۇش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ كېلىشكە ئەۋەتتىم. مەبلەغ جۇغلاش، زاۋۇت ئورنى ھەل قىلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ تۈگىشىگە ئۈلگۈرۈپ قىزىممۇ ئۆگىنىشتىن قايتىپ كەلدى. 2009 – يىلى كۈزدە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيايىڭ شەھىرىدىن 3 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە سائىتىگە ئون كىۋادرات مېتىر گىلەم توقۇيالايدىغان ئاپتوماتىك توقۇش ماشىنىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، ناھىيەمىزدە ‹‹دەۋران›› گىلەم زاۋۇتىنى قۇردۇم. 2010 – يىلى 1 – ئايدىن باشلاپ زاۋۇتىمىزدا ساپ قوي يۇڭىدىن توقۇلغان گىلەملەر بازارغا كىردى...

       - قىزىڭىز تاجىگۈل سىز بىلەن بىللە ئىشلەۋېرىپتۇ – دە، دەپ سورىدىم گەپنى شاخلىتىپ.

        -يالغۇز تاجىگۈللا ئەمەس، ئالتە بالامنىڭ ھەممىسى مۇشۇ زاۋۇتتىن نان يەپ قالدى، دېدى ئابلىكىم قاسىم ئاكا يۇمۇرلۇق قىلىپ، بىرلىرى سېتىش دۇكىنى قۇرۇپ بازار ئاچتى؛ بىرلىرى ئاپتوماتىك توقۇش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش، رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، سېختا تېخنىك بولدى؛ يەنە بىرلىرى مالىيە – بوغالتىرلىق كەسپىنى ئوقۇپ، زاۋۇتنىڭ بوغالتىرى بولدى. ھەممىدىن يامان چىققىنى مۇشۇ تاجىگۈل قىزىم بولدى. ئۇ كارخانا باشقۇرۇش، ئادەم ئىشلىتىش بىلىملىرى بويىچە نەدە كۇرس ئېچىلسا شۇ يەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىپ يۈرۈپ، خېلى ئېپى بار باشقۇرغۇچى بولۇپ قالدى. شۇڭا 2013 – يىلى ئەتىيازدا ‹‹دەۋران›› گىلەمچىلىكى پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرغاندا ئىككىلەنمەستىن تاجىگۈل قىزىمنى شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى قىلىپ، ئۆزۈم ئىككىنچى سەپكە چېكىندىم.

       - پېنسىيەگە چىقىپسىز – دە، دېدىم كۈلۈپ.

       - شۇنداق قىلمايمۇ بولمىدى، دېدى ئابلىكىم قاسىم ئاكا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوغۇق شامىلىدا سەل ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى قول ياغلىقى بىلەن سۈرتۈپ، ئادەم قېرىسا ئۇنىڭ زېھنى، تەپەككۇرى تەڭ قېرىيدىكەن، بەل، پۇتلار تېلىپ ئاغرىيدىكەن. قېرىلىققا تەن بەرمەيمەن دەپ، ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالسىڭىز، ياشلارنىڭ دادىل ئىشلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدىكەنسىز. شۇڭا ئۆزۈمنى بىلىپ ئورنۇمنى بوشاتتىم...

        -ئابلىكىم قاسىم ئاكا دېگەندەك ئەتىسى چۈشتىن كېيىن تاجىگۈل ئابلىكىمنى زاۋۇت قورۇسىدا ئۇچراتتىم. ئۇ ئۈرۈمچىدىن كېلىشىدە، گېرمانىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان توقۇش ماشىنىسىنىڭ ئاخىرقى تەڭشەش ئىشىغا مەسئۇل تېخنىك مىر زېيلېر (Mr.Zeileer) ئەپەندىنى باشلاپ كەلگەنىدى.

       - ماۋۇ تېخنىكنى باشلاپ كەلمىسەم، گېرمانىيەدىن 6 مىليون 500مىڭ يۈەنگە كىرگۈزگەن ئاۋۇ توقۇش ماشىنىسىنى ماڭدۇرالماي قىينىلىپ قالىدىكەنمىز، دېدى تاجىگۈل ئابلىكىم.

        تاجىگۈل ئابلىكىم ئۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بەكلا ئالدىراش بولدى، بىزگە كەچلىك تاماق ۋاقتىدىلا پاراڭلاشقۇدەك پۇرسەت چىقتى.

        مەن دادامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسىگە، زاۋۇت باشقۇرۇش تەدبىرىگە بەكلا قايىل، دەپ سۆز باشلىدى تاجىگۈل ئابلىكىم، 2009 – يىلى دادام زاۋۇت قۇرىمەن دېگەندە، ‹‹دادا، قېرىغاندا ئوشۇقچە جاپاغا ئۆزىڭىزنى ئۇرماي دەم ئېلىڭە›› دەپ قارشى تۇرغانىدىم، شۇ چاغدا دادام ‹‹بالام، بىر زاۋۇتنىڭ قانچە ئادەمنى باقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز، سىز ئون ئادەمنى ئىشقا ئالسىڭىز، ئۈچ جانلىق ئائىلە بولسا ئوتتۇز ئادەمنىڭ، تۆت جانلىق ئائىلە بولسا قىرىق ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرەلەيسىز. ئەتراپىمىزدا بۇرۇن مويكىدا ئىشلەپ ئىشسىز قالغان مەلىكىلىك ئىشچىلاردىن بىرمۇنچىسى بار. زاۋۇت قۇرساق شۇلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيمىز، ھېچ بولمىسا ئائىلىمىزدىكى ئالتە بالىغا ئىش ئورنى چىقىدۇ›› دەپ گېپىدە چىڭ تۇرغانىدى. ئۇنىڭ دېگىنى راست بولۇپ چىقتى. بۇرۇن بىرلا توقۇش ماشىنىسى ۋە ئون نەچچە ئىشچى بىلەن ئىش باشلىغانىدۇق، مانا ھازىر تۆت توقۇش ماشىنىسىغا ئىگە بولدۇق. شىركەتتە 165 ئىشچى ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ، ئىش ئورنىدىن قالغانلارمۇ، مېيىپلەرمۇ بار. بىز ئالتە قېرىنداشمۇ مۇشۇ شىركەت، مۇشۇ زاۋۇتتىن مائاش ئېلىپ ئىشلەيمىز.

        لايىھەلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە زاۋۇتنىڭ كەسپىي توكچىسى مەردان غوپۇر مۇنداق دېدى: 2013 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كېلىپ ‹‹دەۋران›› گىلەمچىلىك زاۋۇتىدا ئىشلەشنى تاللىدىم. دەسلەپ توكچىلىق قىلدىم، كېيىن لايىھەلەشنى ئۆگەندىم ۋە بۇ كەسىپتە مەخسۇس تەربىيەلەندىم. ھازىر ئايلىق ئىش ھەققىم 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ.

        شىركىتىمىزدە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تەشنا مېيىپلەر، ئاجىزلار خېلى بار. ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلاپ، دەردىگە دەرمان بولۇشنى مۇھىم بىلىپ كەلدىم. ‹‹دەۋران›› گىلەمچىلىك پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مېنىڭ ئائىلەم، مەن بۇ ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن، دېدى تاجىگۈل ئابلىكىم ئاخىرىدا.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.