مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-07-17 11:41:43شىنجاڭ گېزىتى

    93846 قىسىم دوختۇرخانىسىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى، ‹‹باھار غۇنچىلىرى›› قىزلار پىلانىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكۈچى جانارگۈل نۇرتاي

     ‹‹بىر تامچە سۇدەك شەپقەتكىمۇ ئالەمچە ياخشىلىق يانار››دەيدىغان تەمسىل بار. پارتىيەنىڭ شەپقىتى‹‹بىر تامچە سۇ››دەك بولماستىن، بەلكى بىپايان دېڭىز – ئوكيانغا مىسالدۇر. ‹‹باھار غۇنچىلىرى پىلانى››دىن مەنپەئەتلەنگۈچى، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن قازاق ئايال ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ھەقتىكى تەسىراتىم ناھايىتى چوڭقۇر. ‹‹باھار غۇنچىلىرى›› قىزلار پىلانىدىن ‹‹باھار غۇنچىلىرى›› قىز ئىستۇدېنتلار پىلانىغىچە، يەنە ھازىرقىدەك شەرەپ بىلەن ھەربىي بولغىچە، دەل پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتىم ھەم گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش رولىنى تۇتتۇم. مەن ئىزچىل تولۇپ – تاشقان مىننەتدارلىقىم بىلەن پارتىيەگە ئەڭ ئالىي رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىمەن. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، پارتىيە بايرىقىنىڭ جەۋلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە قەلبىم ھاياجانغا تولىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى ئەسلىگىنىمدە ئىلگىرى نۇرغۇن يېقىملىق ناخشىلار قەلب تارىمنى چەككەنىدى، لېكىن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى پارتىيەنى كۈيلەيدىغان يېقىملىق كۈيلەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە چىن يۈرەكتىن بېغىشلانغان مەدھىيە ناخشىلىرى بولدى.

     ھېلىمۇ ئېسىمدە، 2010 – يىل 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان ئاشۇ پەيتتە، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم، دەپ ھېس قىلدىم، قەلبىم قۇياش نۇرىغا، ئىپتىخارلىققا تولغانىدى. شۇ چاغدا ئەڭ ئاۋۋال پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولغان بوۋام ئېسىمگە كېلىپ، ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ، پەخىرلەنگەن ھالدا بۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتتىم. بوۋام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە ماڭا: چوقۇم كومپارتىيە ئەزاسىلىق رولىڭنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭنى ئىشلىتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا كۆپرەك تۆھپە قوشقىن، دەپ تاپىلىدى.

     پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى ۋە تەربىيەسىدە مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ھەربىي بولدۇم، پارتىيەلىك كادىر بولدۇم. مەن پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمەن، ئۆزۈمگە ھەر ۋاقىت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىم مۇستەھكەم بولدى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى تېخنىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەسپىي نەزەرىيە ئاساسىمنى پۇختىلاپ، سەھىيە ئىشلىرىدىكى ۋەزىپە كاپالىتى ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، جان – دىلىم بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە مۇلازىمەت قىلدىم، ھازىرغىچە بىرەر ئىشنى ئاقسىتىپ قويمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوختۇرخانىمىز سانجى شەھىرىنىڭ ئاشىلى يېزىسى نۇرجا كەنتى بىلەن قانات يايدۇرغان ‹‹ئۈچ ئۆزئارا›› پائالىيىتىدە كەنت شىپاخانىسىنىڭ داۋالاش خادىملىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى تەربىيەلىگەندىن باشقا، مەن يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشىغا پائال ياردەملەشتىم، ئاغرىپ قالغان كەنت ئاھالىلىرىگە دورا ئاپىرىپ بېرىپ، چارۋىچىلار ئويلىغان، تەلمۈرگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چامىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم.

     مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى تارقاتتىم ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدىم. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە نىلقا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق 2015 – يىلى، 2016 – يىلى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بىر ئۇيغۇر ئانا بېقىۋاتقان تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ بوۋاققا ۋە بىر قازاق قىزغا ياردەم قىلدىم. مەن بۇ ئىككى ئائىلە بىلەن ئۆزۈم تەشەببۇسكار بولۇپ ئالاقىلەشتىم ھەم بۇ ئىككى بالىغا تاكى ئۇلار ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغىچە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدىم.

     يېڭى ئەسىردىكى ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم پارتىيە ۋە ۋەتىنىمىز خەلقىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممەمگە ئېلىپ، ياشلىقىمنى، ھاياتىمنى ۋە بارلىقىمنى پارتىيەگە، سۆيۈملۈك ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.