مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دېلو تەھلىلى

    ئاتا – ئانىدىن مىراس قالغان ئۆينىڭ تولۇقلىما پۇلىنى قانداق بۆلۈشۈش كېرەك؟

    ئامانگۈل2017-07-14 17:38:57شىنجاڭ گېزىتى

     دېلو مىسالى: لى تاۋ 1991 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا 305 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە ئىككى قەۋەت ئۆي سالغان. ئۇلار ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۆي – مۈلۈك كىنىشكىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرمىگەچكە، ‹‹ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى يېزا نوپۇسىدا بولمىغانلارنىڭ ئۆي سېلىش ئەھۋالىنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىشنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى›› ئۇلارنىڭ قولىدىكى بىردىنبىر ئىسپات بولۇپ قالغان. لى تاۋ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى 2011 – يىلى، 2013 – يىلى كەينى – كەينىدىن قازا قىلغان. ئۇلار ھېچقانداق ۋەسىيەت قالدۇرمىغان بولغاچقا، تۆت پەرزەنت ئاتا – ئانىسىدىن قالغان ئۆينى بۆلۈشۈشتە ھەممىسى ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ مىراس ئۆينى بۆلۈشۈش ئىشى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن.

     2015 – يىلى 7 – ئايدا لى تاۋنىڭ ئۆيى بۇلاقتاغ رايونىدىكى ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان ئۆي دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، 1 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىنغان. تۆت يىل ئىلگىرىكى ئۆينى قانداق بۆلۈشۈش مەسىلىسى ئەمدىلىكتە تولۇقلىما پۇلنى قانداق بۆلۈشۈش مەسىلىسىگە ئايلانغان. لى تاۋنىڭ پەرزەنتلىرىدىن لى جيا ‹‹بۇ مىراس ئۆيگە بېرىلگەن تولۇقلىما پۇل، بۇ پۇلنى پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قانچىلىك ۋاپادارلىق يەتكۈزگەنلىكىگە قاراپ بۆلۈشۈش كېرەك، مەن پەزەنتلەر ئىچىدە ئاتا – ئانامغا ئەڭ كۆپ ۋاپادارلىق يەتكۈزگەن، شۇڭا مىراسنىمۇ كۆپرەك ئېلىشىم كېرەك›› دەپ قاراپ، قالغان ئۈچ قېرىندىشى ئۈستىدىن بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، 305 كىۋادرات مېتىر ئۆيدىن 120 كىۋادرات مېتىرىنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

     دېلو تەھلىلى: بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆسمۈرلەر سوتى كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ سەيخۇڭ مۇنداق دېدى: لى تاۋنىڭ تۆت پەرزەنتى 1 – رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن باراۋەر ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ 305 كىۋادرات مېتىر ئۆينىڭ ئۆي – مۈلۈك كىنىشكىسى بولمىسىمۇ، ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىپ، خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولغان، ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بۇ تولۇقلىما پۇلنى مىراس سۈپىتىدە بۆلۈشسە بولىدۇ. لى جيانىڭ 305 كىۋادرات مېتىر ئۆيدىن 120 كىۋادرات مېتىرىنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق، بۇ تولۇقلىما پۇل ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىل تۆتەيلەننىڭ، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراس ئۈلۈشىمۇ ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

     بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 2016 – يىل 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى 1 – سوتتا قاراپ چىقىپ، 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن لى تاۋ ئەر – خوتۇندىن قالغان مىراس، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ھەممە پەرزەنتى ئورتاق ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. لى جيا سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى قىلغان بولسىمۇ، 2 – سوتتا ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلىي ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىندى.

     ياڭ شۇخەن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.