مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا سوت ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئېچىلدى

    ئامانگۈل2017-07-14 17:38:22شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز ئاينۇر ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە سوت ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە دەۋاگەر ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى رايون، تەۋەلىكنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن سوت مەھكىمىسىنى تاللاپ دەۋا قىلسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى چېن گەننىڭ ئېيتىشىچە، سوت ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە دېلو تۇرغۇزۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىكەن؛ ئەرز مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن. سوتچى دەۋاگەرنىڭ ئەرز قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دەۋاگەر تاپشۇرغان ماتېرىياللارنىڭ توغرا، تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، ماتېرىياللار سوت ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئارقىلىق تەۋەلىك ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلىپ، توردىكى مۇلازىمەت ئەمەلىي مۇلازىمەتكە ئايلىنىدىكەن.

     چېن گەن مۇنداق دېدى: رايون ھالقىپ دەۋا قىلىش دەۋاگەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پىسخىك بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، چۈنكى دەۋاگەرلەر بىرنەچچە قېتىم رايون ھالقىپ دەۋاغا بېرىپمۇ ۋاقتىدا دېلو تۇرغۇزالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، سوت ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى دەل مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. دەۋاگەر تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئەڭ يېقىن سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كۆزنىكىگە دېلو تۇرغۇزۇش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرسا، بارلىق ماتېرىياللىرى دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش خادىمىنىڭ ياردىمىدە، تەۋەلىك ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلىپ، دەۋاگەرنى ئارىلىقتا قاتراپ يۈرۈپ دەۋا قىلىش ئاۋارىچىلىكىدىن خالاس قىلىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇچۇر – تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چيۇڭ مۇنداق دېدى: سوت ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى تەدبىر، شۇنداقلا ئۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. سوت ھالقىپ دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئېچىلىشى سوت مەھكىمىلىرى ئارىسىدا سىستېمىلاشقان، دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن ھەمتۈرتكە مېخانىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى ‹‹دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش››، ‹‹ئەرز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش›› مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.