مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    تېپىۋالغان كىملىك بىلەن بانكا ھېساباتى ئاچقۇزغىلى بولامدۇ؟

    ئامانگۈل2017-07-14 17:37:48شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىل

    كىملىكىڭىز يىتىپ كەتسە، باشقىلارنىڭ بانكىغا بېرىپ سىزنىڭ نامىڭىزدا ھېساب ئاچقۇزۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسىدىن ئۇقۇشىمچە، جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ‹‹ھېساب ئېچىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە گۇمانلىق ئەھۋاللار مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىنكى كونترول قىلىش تەدبىرى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، بانكىلارنىڭ ھېساب ئېچىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بانكا ھېساباتى ۋە چىقىم ھېساباتىنى ئېلىپ – سېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان.

     بىر قىسىم دېلولار ۋە ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قانۇنغا خىلاپ ھېساب ئېچىش، بانكا ھېساباتىنى ئېلىپ – سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، باجدىن قېچىش، پارا بېرىش ۋە پارا ئېلىش، پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن كۆپ قېتىم شۇغۇللانغان. ئىلگىرى بەزى بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىدا ھېساب ئېچىلغاندا، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكتىن، باشقۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يوچۇق ساقلانغان.

     بانكىلار بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ھېساب ئېچىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە گۇمانلىق ئەھۋاللار مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىنكى كونترول قىلىش تەدبىرى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش، ساختىلىقنى تۈگىتىش، باشقىلارنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىشنى تۈگىتىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىدىكەن. بانكىلار ھېساب ئاچقانلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى دەلىللەش، سوراش، خېرىدارلار بىلەن قايتا سۆزلىشىش، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش، جامائەت ئىشلىرى ھېسابات تالونىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش، توردىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خېرىدارلار ۋە ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ساختا ئىسىم ياكى باشقىلارنىڭ كىملىكى ئارقىلىق ھېساب ئاچقۇزۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ھېساب ئاچقۇزۇشى بىنورمال ئەھۋاللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، زۆرۈر بولغاندا ھېساب ئېچىپ بېرىشنى رەت قىلىدىكەن. ھېساب ئاچقاندا بانكىلار خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماسلاشماسلىق، تەشكىللىك ھالدا بىرلا ۋاقىتتا ياكى تۈركۈمگە بۆلۈپ ھېساب ئېچىش، ھېساب ئېچىش سەۋەبى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئاچقۇزغان كەسپى بىلەن ھېساب ئاچقۇزغان خېرىدارنىڭ سالاھىيىتى ماس كەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھېساب ئېچىش رەت قىلىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.