مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئالاھىدىلىكىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ

    ئامانگۈل2017-07-14 17:35:48شىنجاڭ گېزىتى

    ئادىل غوجالىم

     ياشلار يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىدۇ، سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن سەزگۈر كېلىدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياشلىق دەۋرىدە مودا قوغلىشىش، دوراش، ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنداقلا يېڭىلىققا، ئۆزگىچىلىككە، غەيرىيلىككە ئىنتىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مودىغا ئەگىشىش بىر خىل ئىنتىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئىنتىلىش بولسا بىر خىل ئوي – خىيال ۋە ھاياجانلىق ھېسسىيات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەم غۇۋا، ھەم قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ. ئۆزىگە باب كەلگىدەك ماھىيەتلىك ھاسىلاتقا ئايلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇ ھېچقانداق قىممىتى يوق ئابستراكت شەكىلدە بولىدۇ. ياشلار ئىجابىي بولغان مودا قوغلىشىش ئالاھىدىلىكىدىن توغرا پايدىلانغاندا تېخىمۇ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىگىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ياشلار تىپىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىزدەيدۇ. ئەگەر سىزدە ‹‹مودا كىشىلەر››دىن بولۇش ئىستىكى يۇقىرى بولسا، مودا قوغلىشىشتا ئىجابىي بولۇش كېرەك. ياشلار دائىم ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولسا، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بىلىم سەۋىيەسىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. كەڭ قورساق كىشىلەر بىلەن يېقىن يۈرسە، كۈنلىرى ئازادە ئۆتىدۇ، ئېغىر – بېسىق كىشىلەر بىلەن يېقىن يۈرسە بىر ئىشلاردا ئالدىراڭغۇلۇق قىلمايدۇ، خۇشال – خۇرام كىشىلەر بىلەن يېقىن يۈرسە چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدۇ. لېكىن، قارىغۇلارچە مودىغا ئەگەشتىم، دەپ ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ، ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالسا مۇنۇ مەسەلدىكى دورامچى شاتۇتتەك ئاقىۋەتكە قالىدىغان گەپ.

     بىر گۈزەل ئورمانلىقتا قۇشلار ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، بىر – بىرىدىن ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپتۇ. قۇشلارنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى ھەممىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭراپتۇ. پەقەت شاتۇتىلا بۇنىڭغا قايىل بولماي مەسخىرىلىك سوغۇق كۈلۈپ: ‹‹مۇشۇ ھالىڭلارغا كۆرەڭلەپ كەتتىڭلارمۇ، مېنىڭ كارامىتىمنى كۆرۈپ قالىدىغان بولساڭلار...›› دەپتۇ. نۆۋەت ئاخىر شاتۇتىغا كەپتۇ. ئۇ مەيدىسىنى كەرگىنىچە سەھنىگە چىقىپ، كۆپچىلىككە قاراپ ئېگىلىپ تەزىم قىلىۋەتكەندىن كېيىن، گېلىنى قىرىپ ناخشىسىنى باشلاپتۇ. باشتا سوپا تورغاينى، ئاندىن بۇلبۇلنى، ئۈچىنچى بولۇپ بۈركۈتنى، تۆتىنچى بولۇپ ياۋا غازلارنى دوراپ ناخشا ئېيتىپتۇ. ئارقا – ئارقىدىن ناخشا ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن ئۆزى مەست بولۇپ ناھايىتى كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلار مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىپتۇ. شاتۇتى كۆڭلىدە بىرىنچى بولىمەن دەپ ئويلىغان ئىكەن، ئەمما بىرىنچىدىن ئالتىنچىغىچە بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئىسمى زادىلا تىلغا ئېلىنماپتۇ. شاتۇتىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاپتۇ. ئۇ ئۆزىگە ئۇۋال قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ، باھالاش ھەيئەت مۇدىرى سۇمۇرغنىڭ قېشىغا بېرىپ: ‹‹مەن... ئەجەبا قاغىچىلىكمۇ بولالمىدىممۇ؟ نېمە ئۈچۈن مېنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىپ قويىسىلەر؟›› دەپتۇ.

     سۇمۇرغ سەمىمىيلىك بىلەن: ‹‹سەنئەتتە ئىجادىيلىق ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. سەن توختىماي باشقىلارنى دوراپ بەرگەندىن باشقا، ئۆزۈڭگە خاس بىرەر ناخشا ئېيتالىدىڭمۇ؟›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كىشىلىك ھاياتمۇ ئوخشاشلا كەلسە – كەلمەس دورامچىلىق ۋە بىردەملىك مودا تۇرمۇشنى سىغدۇرالمايدۇ. شۇڭا سىز مۇستەقىل خاراكتېرگە، ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى تونۇشىڭىز كېرەك. بىز باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولالمىدۇق دەپ قايغۇرماي، ئۆزىمىزدە بار ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ناۋادا ئۆزىمىزدە يوق ئىقتىدار بىلەن باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى دوراۋەرسەك، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. ھەممە ئادەمدە يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا ئالاھىدىلىك بولىدۇ، بۇ يەردىكى گەپ ئۆزىمىزدىكى ئالاھىدىلىكنى بايقاشتا. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى خىزمەت، مەيلى ئۆگىنىش، مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزنى توغرا ھېس قىلىپ ۋە توغرا بايقاپ، ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولساقلا نەتىجە قازىنىشىمىزدا گەپ يوق.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.