مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    ئۆزىڭىزگە باھانە ئىزدىمەڭ

    ئامانگۈل2017-07-14 17:35:11شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇقەييۇم ئېلى

     تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، رىقابەت ۋە خىرىسنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى نورمال ئالاقە ۋە باشقا پائالىيەتلەرمۇ تەدرىجىي ئازىيىشقا يۈزلەنمەكتە. بۇنى دەستەك قىلىپ ھەر بىر ئىشتا باھانە ئىزدەش بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ جاھاندارچىلىق پەلسەپىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

     ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ:

     ئاپتوبۇس ۋاقتىدا كەلگەن بولسا، كېچىكىپ قالمىغان بولاتتىم.

     ئىمتىھانغا مەن ئۆگەنگەن يەردىن چىققان بولسا، مەنمۇ قالمايتتىم.

     ئۇمۇ ئەسلىي مەنچىلىك بىلمەيدۇ، پەقەت تەلىيى كېلىپ قالدى.

     ئۇ بولمىغان بولسا، مەن بىرىنچى بولغان بولاتتىم.....

     مانا مۇشۇنداق باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ئۆزى قىلالايدىغان، ھەتتا ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلماي، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى چەكلەپ قويىدىغان كىشىلىرىمىز يوق ئەمەس.

     ئىنسان ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆز كاللىسى بىلەن ئويلىشى، ئۆز پۇتى بىلەن مېڭىشى، ئۆز قولى بىلەن قىلىشى كېرەك. ھە دېسلا باھانە ئىزدەش كىشىنى ئاقىۋەتتە ھېچ ئىشنى قىلالمايدىغان بىكار تەلەپ قىلىۋېتىدۇ، خالاس.

     دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىگىسى قىلچە باھانە ئىزدىمەستىن، ھەر بىر ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان. بەزىدە، ھەتتا ئەڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىپ تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئاخىرىدا ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك زور نەتىجىلەرنىڭ ساھىبى بولالىغانلىقى دەر ھەقىقەت.

     مەلۇم بىر مۇۋەپپەقىيەتشۇناش مۇنداق دېگەن: ‹‹مەغلۇپ بولغۇچىلار باھانە ئىزدەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئامال – چارە ئىزدەيدۇ››. ھازىرقى ئىلىم – پەن نەتىجىلىرى شۇنى دەلىللەيدۇكى، ئىنساننىڭ مېڭىسىگە ھازىرغىچە نەچچە مىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىلىم تامامەن سىغىدىغانلىقى، ئىنسان بىر ئىشنى قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانسا ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدىنمۇ ئارتۇق قىلالايدىغانلىقى شەكسىزدۇر.

     ئىنساننىڭ روھىيىتى چەكسىز بىر بوشلۇق، ئۇنى ئەرزىمەس باھانىلەر بىلەن تولدۇرۇپ ئۆز قابىلىيىتىنى چەكلەپ قويۇش ياكى ئەسقاتىدىغان بىلىملەرنى قاچىلاپ ئۆز – ئۆزىنى ئالماس كەبى نۇر چاچقۇزۇش ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق. شۇڭا ئۆزىڭىزگە ھەرگىز باھانە ئىزدىمەڭ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.