مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش سۈرەت

    يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن كارتىنىلار

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-07-14 11:42:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئاتۇش شەھەرلىك كۇنشەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا.

       شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2010-يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن ھەمنەپەس بولدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى تۈرىنى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى. ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش››، ‹‹مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش››، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قانات يايدۇرۇلدى، بۇ ياردەملەر ئىللىق باھار يامغۇرى چاڭقىغان زېمىننى قاندۇرغاندەك چېگرا رايون خەلقىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى.

     شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىختىساسلىق كادىرلار بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مىننەتسىز، خالىس مۇھەببىتى ئارقىلىق تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىندا تېخىمۇ يېقىملىق مېلودىيەنى ياڭراتتى.

     يەتتە يىلدىن بۇيان، بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئاساسنى كۈچەيتىدىغان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى، چېچەكلەپ مېۋە بەردى، شىنجاڭنىڭ  ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

    گۇما ناھىيەسىدىكى ئەنخۇي  ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ كىيىم-كېچەك لايىھەلەش-تەربىيەلەش بۆلۈمىدە ئوقۇغۇچىلار كىيىم-كېچەك لايىھەلەشنى مەشىق قىلماقتا.

    تېخنىكلار جىمىسار ناھىيەسىدىكى بېيتىڭ سانائەت رايونىنىڭ مېيسى رەقەملىك گۈل بېسىش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە گېرمانىيەدىن كىرگۈزۈلگەن گىلەم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تەڭشىمەكتە. بۇ شىركەت فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە جىمىسار ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان بىرىنچى كەسپى ھەمكارلىق تۈرىدۇر.

    بۇرچىن ناھىيەسىدىكى 2817 چارۋىچىلىق بىرلەشمە مەھەللە قىرائەتخانىسىدا بىر چارۋىچى كىتاب تاللىماقتا. ئىگىلىنىشىچە، 2010- يىلى مايدىن باشلاپ سارقۇم كەنتىدە چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلانغان. دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ياردىمى، ناھىيە مالىيەسىنىڭ ياردىمى ۋە چارۋىچىلار ئۆزلىرى غەملەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېڭىدىن خىش-بېتۇن قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر سېلىنغان.

    تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش كېسەلخانىسى(ICU)دا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسى يېڭىدىن سېلىنغان ICUخانىسىنى تونۇشتۇرماقتا، بۇ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش بايلىقى، تەجرىبە ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋراچلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتقۇزىدۇ.

    قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسى گاداجىڭ كەنتى خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش مەھەللىسىنىڭ سىرتقى مەنزىرىسى. بۇ مەھەللىنى خېنەن ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان بولۇپ، 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 760 ئائىلىلىك دېھقان- چارۋىچىنىڭ تۇرالغۇسى ھەل بولغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.