مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى باش نىشانغا يېتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرايلى

    ئامانگۈل2017-07-14 10:52:47شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدا (2)

    گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

     مېھىر – شەپقەتنى بىلىش بەختنىڭ مەنبەسى. 20 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ زېمىنىغا مىسلىسىز ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىدا چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتى پەيدا قىلدى. بۇ چوڭقۇر ۋە سەمىمىي ھېسسىيات ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرىدىغان ئىجابىي ھەرىكەتكە ئايلانغۇسى.

     شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ چىقارغان زور تەدبىرى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى، چېگرادىكى مىللىي رايونلارنىڭ تىنچ – ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ئاچقۇچلۇق ھەرىكىتى بولۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئورۇننى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىپ، نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىلارنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، كەسىپلەرنىڭ يېتەكلەش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى؛ مائارىپ ۋە داۋالاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى؛ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئەلالاشتۇرۇلدى ۋە زورايتىلدى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى؛ مۇقىملىقنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى ئىزچىل ئاشۇرۇلدى.

     بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئورۇنلار ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ھەممىلا جايدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئونمىڭلىغان كادىر، ئىختىساسلىقلار ھەق يولدىن قايتماي، ئۆز ھاياتىدىكى قىممەتلىك ۋاقىتلارنى شىنجاڭ زېمىنىغا ئاتاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن قەلبداش، دوست بولۇپ، باردى – كەلدىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىپ، ئارىلىشىپ بىر گەۋدە بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشنىڭ تىللاردا داستان بولغىدەك سەھىپىلىرىنى يېزىپ قالدۇردى.

     مەيلى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ياكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ زېمىنىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ھەقىقىي ۋە مىسلىسىز بولدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىگەنلىكى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز تايانچ كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇ مېھىر – شەپقەتنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلاپ، بۇنىڭغا مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

     دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمدا تاشقى ئامىل شەيئىلەر ئۆزگىرىشىنىڭ شەرتى، ئىچكى ئامىل ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسى، تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق رول ئوينايدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تاشقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، لېكىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹قان ئىشلەش›› ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىش ھەممىدىن مۇھىم. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەت بىلەن، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۈرەش ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرۇشى كېرەك.

     بىز بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.