مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    سەمىمىي غەمخورلۇق تەڭرىتاغقا ئىللىقلىق ئاتا قىلدى، جىددىي تاپشۇرۇق باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولدى

    ئامانگۈل2017-07-14 10:46:30شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىدىن خاتىرە

    مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ

     

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ يۇقارقى قازئېرىق كەنتى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىگە كېلىپ، يەسلىدىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، بالىلارنى ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

     جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تومۇز ئېيىدا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، مېۋە – چىۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى؛ ئىيۇل ئېيىدىكى قەشقەردە خۇشاللىق كۈلكىسى ياڭراپ، ھەممە جاي جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 3 – شىسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يۈ جېڭشېڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى يەتكۈزدى.

     پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭغا 9 – قېتىم كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەئىس يۈ جېڭشېڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى كېزىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۆپلەپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى، كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت كادىر، ئامما بۇنىڭدىن چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدى ۋە ئىلھاملاندى.

     ‹‹مەن بېيجىڭ تيەنئەنمېننى سۆيىمەن، تيەنئەنمېندا قۇياش كۆتۈرۈلدى...››، ‹‹گۈزەل ۋەتىنىم، جۇڭگو سېنى سۆيىمەن...›› قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ يۇقارقى قازئېرىق كەنتى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدىكى بالىلار سىنىپتا يېقىملىق ناخشا ئېيتىپ، دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتى.

     ‹‹ياخشىمۇ سىز بوۋا!›› ناخشا ئېيتىۋاتقان بالىلار يۈ جېڭشېڭنىڭ سىنىپقا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەممىسى بىرلىكتە يۈ جېڭشېڭدىن ئەھۋال سورىدى. يۈ جېڭشېڭ بالىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، قولىغا رەڭلىك گاز ياغلىق ئېلىپ، بالىلار ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىدى.

     رەئىس يۈ جېڭشېڭ بەش ياشلىق ناجىيەنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ سەمىمىيلىك بىلەن ‹‹چۈشتە نېمە تاماق يېدىڭلار؟››، ‹‹يەسلى ياخشىمىكەن؟›› دەپ سورىدى. ناجىيە خەنزۇ تىلىدا راۋان ھالدا: مەن يەسلىنى ياخشى كۆرىمەن، چۈشتە پولۇ يېدۇق، دەپ جاۋاب بەردى، ئىككىسىنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

     يەسلىنىڭ بالىلار ‹‹قوش تىل››لىق ئاۋازلىق كۇتۇپخانىسىدا، بالىلار كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنە ئارقىلىق ‹‹جۇڭگو سېنى سۆيىمەن›› دېگەن ناخشىنى ئۆگىنىۋاتقانىدى. يۈ جېڭشېڭ بىر تەرەپتىن دەرسلىكلەرنى ئەستايىدىل ۋاراقلاپ كۆرگەچ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى سورىدى ۋە كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى ھەم ئۇلارنى ۋەتەننىڭ گۈل – غۇنچىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككىمۇ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۈ جېڭشېڭ بالىلارغا ئوقۇش بۇيۇملىرى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئازادە مۇھىتتا ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەدەت بەردى.

     يۈ جېڭشېڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىگە بېرىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، مەھەللىنى باشقۇرۇش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت ئەھۋالى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە چىن نىيەت بىلەن ئاممىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

     رەئىس يۈ جېڭشېڭ دەرەخ سايىسىدا سايىداپ ئولتۇرغان ئاھالىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملاشتى، كۆپچىلىك رەئىس يۈ جېڭشېڭدىن ئەھۋال سورىدى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇنىرە نۇرمەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى ئاھالىلەر يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئادەتتە كۆپچىلىك دائىم بىر – بىرىنى يوقلىشىپ تۇرىدۇ، كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بوش ۋاقتى بولسىلا بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ناھايىتى يېقىن ئۆتىدۇ. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، مېھىر – مۇھەببەتنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     يۈ جېڭشېڭ يەنە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تۇراق سوپىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشتى. يۈ جېڭشېڭ ‹‹بالىلىرىڭىز قەيەردە خىزمەت قىلىدۇ؟ كىرىمى قانداق؟ قىيىنچىلىقىڭلار بارمۇ؟›› دەپ سورىدى. تۇراق سوپى: كۈنلىرىمىز ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ، يىلدا 40 – 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز، بالىلىرىمنىڭ بىرى مەھەللىدە خىزمەت قىلىدۇ، بىرى تىجارەتچى، ئۇلار ناھايىتى ۋاپادار، دەپ جاۋاب بەردى. يۈ جېڭشېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: ۋەتىنىمىز كۈندىن – كۈنگە قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، دېدى.

     خوشلىشىدىغان چاغدا تۇراق سوپى يۈ جېڭشېڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، بىز گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولساقمۇ، لېكىن قەلبىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن مەڭگۈ بىر تۇتاش، بىز مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز.

     يۈ جېڭشېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تۈمەنكۆل خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، تومۇز ئىسسىقتا بىرىنچى سەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ج خ خەلق ساقچىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر، ئىناق ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە مەدەت بەردى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىدۇ، خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق، ئۇلارغا ئاپىرىن، ئۇلارغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاسراپ، كۆپچىلىكنىڭ باشتىن – ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.

     يۈ جېڭشېڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى كىيىم – كېچەك كەسىپلەر رايونى، بىڭتۈەن 3 – شىسى 41 – تۈەنىنىڭ ‹‹دۇڭچۈنشىڭ›› توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپلەر رايونىغا كېلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

     شىنجاڭ ‹‹جىفا خۇاخې›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، 2015 – يىلى 11 – ئايدا مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان، يەرلىكتىكى 200 دىن كۆپرەك ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى زاۋۇتقا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلغان، كەلگۈسىدە يەنە ئەتراپتىكى 2000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىدىكەن. يۈ جېڭشېڭ يالغان چاچ ياساش سېخى ۋە كىيىم – كېچەك پىچىش، تىكىش، قاچىلاش سېخلىرىنى ماڭغاچ كۆردى، پات – پات توختاپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىنىش ئەھۋالى، مائاش كىرىمى، ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ھەربىر ئىشچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى بىلىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى، كۆپچىلىكنى داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ كارخانىلارنى كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

     يېڭىسار ‹‹جۇڭشىڭ›› پەلەي زاۋۇتى ‹‹باش ئىشتاب + سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتى››دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئەتراپتىكى يېزا – كەنت ۋە مەھەللىلەردە سۈنئىي ھەمراھ زاۋۇتىدىن 17نى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 3000دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئىشچى باينۇرخان ئوبۇل يۈ جېڭشېڭغا مۇنداق دېدى: ‹‹ئەر – خوتۇن ئىككىمىز ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلىمىز، ئورما مەزگىلىدە زاۋۇت تېخى ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى. ئەر – خوتۇن ئىككىمىز پۇل تاپتۇق، ئائىلىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ تەسىر يەتكۈزمىدۇق، ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن››. يۈ جېڭشېڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش بولۇپ، چوقۇم چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك. كەسىپنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، يەنە بىر ئۇچى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۇتاشتۇرۇلۇشى كېرەك، بۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى، چوقۇم پائال شارائىت يارىتىپ، زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     شىنجاڭ ‹‹دۇڭچۈنشىڭ›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈرى بىڭتۈەن 3 – شىسى 41 – تۈەنىگە ماكانلاشقان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، 1 – قارارلىق 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش تۈرى 2016 – يىلى 6 – ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 2 – قارارلىق 300 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش تۈرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، 3 – قارارلىق تۈر پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 5000 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۈ جېڭشېڭ شىركەتنىڭ سېخلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم سېختا كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئىشچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن تەرەققىيات چوڭ پىلانى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچى زور، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك سۇپا. توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى ۋەكىللىكىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ زورىيىشى، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتەك كۆپ تەرەپ پايدىغا ئېرىشىدىغان ۋەزىيەتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

     سەمىمىي غەمخورلۇق تەڭرىتاغقا ئىللىقلىق ئاتا قىلدى، جىددىي تاپشۇرۇق باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.