مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەت كۆزنىكى

    كادىرلار كۆيۈندى، كۆكتىكەنلىكلەر سۆيۈندى

    مەۋلۇدە2017-07-13 11:08:03تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىگەن تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ پىدائىيلار پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

       ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: دېھقانلارغا قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەمەلىي نەپ كېرەك. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپ قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشىپ، ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىلى، ئۇلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ .

      كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بېھىشباغ يېزا كۆكتىكەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. تەشۋىق-تەربىيە ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ «كۆزىنى ئېچىپ» نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

      بۇ كەنت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى، خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئارقىسىدە 320 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ كەنتتىكى 60 نامرات ئائىلىگە قوتان سېلىپ بەردى. نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆسۈمسىز قەرز مەبلىغىدىن 60 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ، 12 نامرات ئائىلىگە قوي-كالا، توخۇ تارقىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، 750 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنت ھويلىسىغا 248 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى خىزمەت ۋە ياتاق بىناسى، 500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى مەدەنىيەت كارىدورى سېلىپ بەردى. 6900 مېتىر كەنت يولىنى قارامايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جىددىي ئىش باشلاندى.

        خىزمەت ئەترىتى يەنە «دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى» قۇرۇپ، كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقان ياشلارنى «قوش تىل»، قانۇن-تۈزۈم بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى. يەر ماجىراسى، ئىقتىسادىي ماجىرا، ئائىلە ماجىراسىدىن 86 نى ھەل قىلىپ، كەنتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن سۆيۈنگەن كۆكتىكەنلىكلەر بىردەك:«خىزمەت ئەترىتى بەك ياخشى ئىكەن» دېيىشتى.

    خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىگەن تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ پىدائىيلار پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.