مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مۇھاكىمە مۇنبىرى

    كوررېكتورلۇقنى چۈشىنىش ۋە چۈشىنىپ كوررېكتورلۇق قىلىش ھەققىدە

    ئامانگۈل2017-07-12 18:35:38شىنجاڭ گېزىتى

    ئاينۇر مىركامىل (شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىن)

     ھەرقانداق بىر كەسىپنى چۈشىنىش شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، كەسىپنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، كەسىپ ئەھلى بولۇش مۇمكىن ئەمەس، جۈملىدىن كوررېكتورلۇقمۇ شۇنداق، لاياقەتلىك كوررېكتور بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كوررېكتورلۇقنى چۈشىنىش، چۈشىنىپ كوررېكتورلۇق قىلىش كېرەك.

     كوررېكتورلۇقنى چۈشىنىشنىڭ گېپى بولسا، نۇرغۇنلار ئۆزىنىڭ بۇ كەسىپنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى، كوررېكتورلۇققا پىششىق ئىكەنلىكىنى، كوررېكتورلۇقنىڭ ئىنچىكىلىكنى، ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى مۇمكىن، بىراق كوررېكتورلۇقنى قانداق چۈشىنىۋاتىمىز؟ نۇرغۇن كىشى كوررېكتورلۇقنى پەقەت ئىملانى تۈزەش دەپ قارايدۇ، كوررېكتورلارمۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاش دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى كوررېكتورلۇقىنى قىلغان خەۋەر-ماقالە ياكى ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسىدىن خاتالىق كۆرۈلمىسىلا، كوررېكتورلۇق سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىك دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش كوررېكتورلۇقنى چۈشەنمىگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى كوررېكتورلۇق بۇنداق ئاددىي نەرسە ئەمەس، ئۇ تەھرىرلىككە ياندىشىپ، ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشتىكى مەنىۋى كۆۋرۈك، ئىملالار تىزمىسى ئارىسىدا يېنىپ تۇرغان چىراغ، تەرجىمە، تەھرىرلىك ۋە يېزىقچىلىق جەھەتتە كەتكەن سەۋەنلىكلەرنى كۆرىدىغان ئۆتكۈر «كۆز».

     كوررېكتورلۇقنى چۈشەنگەن ئادەم چۈشىنىپ كوررېكتورلۇق قىلىشنى بىلىدۇ، چۈشىنىپ كوررېكتورلۇق قىلىش ئەسەرنى چۈشىنىش، ئەسەرنىڭ تىلىنى، لوگىكىلىق، گىرامماتىكىلىق باغلىنىشىنى، قۇرۇلمىسىنى، سۆز-جۈملىلەرنىڭ نەپىسلىكىنى چۈشىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن كىشى ئەسەرنى چۈشىنىش مۇھەررىرنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارىشى مۇمكىن، بىراق مۇھەررىرنىڭ ۋەزىپىسى يۇقىرىقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. كوررېكتورلار يۇقىرىقى جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى بايقىيالمىسا، پەقەت ئىملانىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىلا مىزان قىلسا، ئۇ چاغدا ئۇلار ماشىنا ئادەمدىن پەرقسىز بولۇپ قالىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق سىستېمىلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى، «ئەل كوررېكتور» دېگەنگە ئوخشاش دېتاللار ئىشلەپچىقىرىلدى، ئەگەر كوررېكتورلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىملانىڭ توغرىلىقىغىلا كاپالەتلىك قىلىش بولسا، يۇقىرىقى سىستېمىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كوررېكتورلارنى «ئىشتىن بوشىتىۋېتىش» مۇمكىن.

     جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، جۈملىدىن كوررېكتورلارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ شۇنداق، تىلىمىزغا كىرىۋاتقان يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىيىشى، ئىملا قائىدىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، كوررېكتورلۇقتا ئىملانىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى، ئەمما جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى كوررېكتورلارغا يۇقىرىقىدەك ئىملا مەسىلىسىنى قويۇپلا قالماي، ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە مەنىۋى قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەسەردىن «قۇسۇر» ئىزدەيدىغانلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇلارغا «تاقابىل» تۇرۇش ئۈچۈن، كوررېكتورلار ھەر جەھەتتە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

     مېنىڭچە، ئىقتىدارلىق كوررېكتور مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن بولىدۇ:

     1. ئىملانىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى

     ئىملانىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كوررېكتورلۇقتىكى ئەڭ ئاددىي تەلەپ، بىراق ھازىر كوررېكتورلۇقىمىزدا بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. «ئېلىمىز ئالىملىرىدىن: ۋاڭ رىۋى، ۋاڭ يەندى، سۇڭ كەيدى، فېڭ جيا شىڭ، چىڭ سۇلۇ، مو گۇاڭۋېنلار» («قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» ناملىق كىتاب، 130-بەت) دېگەن جۈملىدە «ئېلىمىز ئالىملىرىدىن» دېگەن سۆزدىن كېيىن قويۇلغان قوش چېكىتنىڭ ئورۇنسىز قويۇلغانلىقىنى دېمەيلا تۇرايلى، «ۋاڭ رىۋى» دېگەن ئىسىمدىكى «ۋى» بوغۇمى خاتا ئېلىنغان، چۈنكى خەنزۇچىدا «ۋى» دېگەن بوغۇمنى ئىپادىلەيدىغان خەت يوق. مېنىڭچە، بۇ چوقۇم «ۋېي» بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كىتابنىڭ 131-بېتىدە بۇ ئىسىم «ۋاڭ رىۋىي» دەپ ئېلىنغان، بۇ يەردىكى «ۋىي»مۇ خاتا، چۈنكى خەنزۇچىدا «ۋىي» دەپ خەت يوق. يۇقىرىقى مىسالدىكى «فىڭ جيا شىڭ» دېگەن ئىسىمنىڭ يېزىلىشى تېخىمۇ خاتا بولغان، خەنزۇچىدا «فىڭ» دېگەن خەت يوق، بۇ چوقۇم «فېڭ» بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭدىن سىرت، «فىڭ»، «جيا»، «شىڭ»دىن ئىبارەت ئۈچ بوغۇم ئايرىپ يېزىلغان، خەنزۇ كىشى ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىش قائىدىسىدە فامىلە ئالدىدا كېلىدۇ، كېيىنكىسى ئىسىم بولىدۇ، شۇڭا ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئارىسىغىلا بوشلۇق قويۇلىدۇ. بۇ مىسالدىن بىز كوررېكتورلۇقىمىزدا ئىملانىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ كوررېكتورلاردىكى مۇھىم ئىقتىدارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

     2. كوررېكتورنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى

     كوررېكتورلار ئىملانىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، سۆز-جۈملىلەرنىڭ لوگىكا، گىرامماتىكىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

     گەرچە سۆز-جۈملىلەرنىڭ لوگىكا، گىرامماتىكا جەھەتتىكى باغلىنىشى، توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھەررىرلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولسىمۇ، كوررېكتورلار بۇ جەھەتتىكى سەۋەنلىكلەرنى ياكى خاتالىقلارنى بايقىغاندا كۆرمەسكە سېلىشقا، مۇھەررىرگە ئارتىپ قويۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. بەزىدە مۇھەررىرلەر بايقىيالمىغان خاتالىقلارنى كوررېكتورلار بايقىۋالالايدۇ، بايقاپ تۇرۇپ، ئۇنى تۈزەتمەسلىك ياكى مۇھەررىرنىڭ سەمىگە سالماسلىقمۇ كەسىپ ئەخلاقىغا يات، ئەلۋەتتە.

     ھازىر گېزىت-ژۇرناللىرىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ تىلىدا، لوگىكىلىق باغلىنىشى ۋە گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىدا تۈرلۈك خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنى مۇھەررىرلەرمۇ، كوررېكتورلارمۇ بايقىيالماي، خاتا پېتى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، «25-يانۋاردىكى شىۋىرغانلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە 73 سائەت توسۇلۇپ قالغان قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەخسۇس لىنىيەسى بولغان ئۆلكە تاشيولى 116-لىنىيەسىدە قاتناش ئاخىر ئەسلىگە كەلدى» («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2016-يىلى 27-يانۋاردىكى سانىدىن) دېگەن بايانلارغا قارايدىغان بولساق، شىۋىرغانلىق ھاۋا رايىنىڭ 25-يانۋار باشلانغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا، 25-يانۋار يۈز بەرگەن شىۋىرغانلىق ھاۋارايى قاچان ئاخىرلىشىپ، قاتناش قاچان ئەسلىگە كەلدى؟ قاتناش 73 سائەت توسۇلدى دېگەنلىك، ئۈچ سوتكىدىن ئارتۇقراق قاتناش توسۇلدى دېگەنلىك بولىدۇ، شۇ بويىچە بولغاندا، 25- يانۋار يۈز بەرگەن شىۋىرغان تۈپەيلىدىن توسۇلۇپ قالغان قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلگەن ۋاقتى 28-يانۋار بولۇشى كېرەك. بىراق بۇ گېزىت 27-يانۋار نەشردىن چىققان. تېخىمۇ خاتا بولغىنى، بۇ خەۋەرنىڭ 2-ئابزاسىدا «مۇخبىرنىڭ 25- يانۋار ئۈرۈمچى تاشيول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆلكە تاشيولى 116- لىنىيەسىدە قاتناشقا قوش يۆنىلىشتە چەك قويۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەر ئىككى يۆنىلىشتە قاتناش ئەسلىگە كەلگەن، ئەمما بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە يەنىلا شىۋىرغاننىڭ تەسىرى تولۇق تۈگىمىگەچكە، شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ يول يۈرۈشى تەۋسىيە قىلىنغان» دېيىلگەن. ئۇنداقتا، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك، دەسلەپكى ئابزاستا شىۋىرغاننىڭ 25- يانۋار يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان، كېيىنكى ئابزاستا مۇخبىر ئۈرۈمچى تاشيول ئىدارىسىدىن 25-يانۋار قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئىگىلىگەن. بۇ لوگىكىلىق خاتالىقنى مۇھەررىرمۇ، كوررېكتورمۇ بايقىمىغان. مېنىڭچە، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان كوررېكتور بۇنداق خاتالىقنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بۇ دەل چۈشىنىپ كوررېكتورلۇق قىلىشنى بىلىدىغان كوررېكتورلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ۋە ئەقەللىي تەلەپ.

     3. تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ئىشلىتىش ئىقتىدارى

     ئەسلىدە تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ئىشلىتىش ئىقتىدار ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى تەلەپ ئىدى، ئەلمىساقتىن شۇنداق بولۇپ كەلگەن، بىراق ھازىر كوررېكتورلىرىمىزدا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارنىمۇ تولۇق بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلار بار، شۇڭا مەن تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ئىشلىتىشنىمۇ بىر خىل ئىقتىدار دەپ قارايمەن، بۇ يالغۇز كوررېكتورلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدار ئەمەس، بەلكى مۇخبىر، مۇھەررىر، تەرجىمان قاتارلىقلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدار بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرجىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خەنزۇچىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ئەينەن كۆچۈرۈلۈپ كېلىدىغان بولدى. بەزى مۇخبىرلار، يازغۇچى، شائىرلار يازغان ئەسەرلەردىمۇ بۇ ئەندىزە ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. مەسىلەن، «2 - نۆۋەتلىك <تەڭرىتاغ ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتى> تارقىتىلدى»، «...2006-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى <شىنجاڭ چەۋەندازلار مېھمانخانىسى>دا تۇنجى نۆۋەتلىك <ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى>نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى» («تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 5-سانىنىڭ 112-بېتىدىن) دېگەن جۈملىلەردە «تەڭرىتاغ»، «چەۋەنداز»، «ئەركىن روزى» دېگەن سۆزلەرلا قوش تىرناققا ئېلىنىشى كېرەك ئىدى، بىراق ژۇرنالدا «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»، «شىنجاڭ چەۋەندازلار مېھمانخانىسى»، «ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى» دېگەن سۆزلەر تولۇقى بىلەن قوش تىرناققا ئېلىنغان. بۇ يەردە قوش تىرناق(«») نىڭ ئىشلىتىلىش قائىدىسىنى بىرمۇبىر سۆزلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز، چۈنكى بۇ بىلىملەر ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىدە تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.

     يۇقىرىقىدىن باشقا، «ئەمىر مەنسۇر ۋە پايىقلار، سەبۇك تېكىننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىكى ماجىرالىرىدىن پايدىلىنىپ خۇراساننى تارتىۋالدى» («قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» ناملىق كىتابنىڭ 250-بېتىدىن) دېگەن جۈملىدە «ئەمىر مەنسۇر ۋە پايىقلار» دېگەن سۆزدىن كېيىن بىر ئورۇنسىز پەش (،) نىڭ ئىشلىتىىشى تۈپەيلىدىن، جۈملىنىڭ چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس. يەنە مىسالغا ئالىدىغان بولساق، «كىتابتىكى دىيالوگلار بەكمۇ جانلىق، ئىشلىتىلىشچانلىقى كۈچلۈك، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ھالدا تۈزۈلدى. شۇڭا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كىتابتىكى دىيالوگلارنى ئەركىن ئوقۇپ ئۈنلۈك راۋان سۆزلەشنى قايتا-قايتا مەشىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» («ھەر خىل مۇھىتلاردا خەنزۇچە سۆزلەشنى تېز ئۆگىنىش» ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىن) دېگەن قوشما جۈملىگە قارايدىغان بولساق، «ئىشلىتىشچانلىقى كۈچلۈك» دېگەن سۆز بىلەن «تۇرمۇشقا» دېگەن سۆزنىڭ ئارىسىغا پەش كېلىشى، «ئوقۇپ»، «ئۈنلۈك»، «راۋان» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ساۋاتلارنى كوررېكتورلار بىلىشى كېرەك.

     يىغىپ ئېيتقاندا، كوررېكتورلۇقنى چۈشىنىش ۋە چۈشىنىپ كوررېكتورلۇق قىلىش ئاخبارات-نەشرىياتچىلىقتا ئىنتايىن مۇھىم. كوررېكتورلار زاماننىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىپ، دەۋرگە لايىق، لاياقەتلىك كوررېكتور بولۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.