مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    «‹ئاتام›غا سالام خەت»

    ئامانگۈل2017-07-12 17:36:32شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز ئەكبەر ئىسمائىل

     چولپانگۈل يۈسۈپ «ئاتىسى»غا يازغان سالام خەتنى مۇنداق باشلىغانىدى:

     «ھۆرمەتلىك ‹ئاتا›: بۇ گېپىمدىن بەلكىم ھەيران بولۇۋاتقانسىز، بۇ يىل سىزنى پەقەت ئىككى قېتىملا كۆردۈم، كۆرۈشكەندە <ۋېي تاغا> دەپ چاقىردىم، بۈگۈن سىزنى ‹ئاتا› دەپ چاقىرغۇم كېلىۋاتىدۇ، سىزنىڭ كۆيۈنىشىڭىز، تەربىيەلىشىڭىز، قوللىشىڭىز بىلەن ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق باشلىدىم. مانا، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئىككى يىل ئۆتتى. بۇ ئىككى يىلدا ھەر قېتىم ياتاقتا يالغۇز قالسام سىزگە سالام خەت يازماقچى بولىمەن، لېكىن گەپنى قەيەردىن باشلاپ يېزىشنى بىلەلمەي قالىمەن، قەلەمنى قولۇمغا ئالساملا كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ، خەتنى داۋاملاشتۇرالمايمەن. سىزنى ‹تاغا› دەپ چاقىرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم، ‹مۇدىر› دېيىشنى تېخىمۇ لايىق تاپمىدىم، ئاخىردا سىزنى ‹ئاتا› دەپ چاقىرىشىمنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،-يۇ، ئەمما جۈرئەت قىلالمىدىم، شۇڭا يازغان خەتلىرىمنى يىرتىۋەتتىم، يىرتىۋېتىپ يەنە يازدىم...»

     چولپانگۈل يۈسۈپ بۇ خەتنى 2014-يىلى كۈزدە ئوقۇش باشلانغاندا يازغانىدى، ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان قومۇل شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋېي تيەنجېنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىغان بولدى، ۋېي تيەنجېمۇ چولپانگۈل يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى كامىل يۈسۈپنى «بالىلىرىم» دەپ بىلدى. كامىل يۈسۈپ ئۆزىنى ئەجەل دوقمۇشىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن بۇ «ئاتىسى»نى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، قۇشقاچ بالىسىدەك چۇۋۇلداپ، مەكتەپتە، ئۆيدە بولغان ئىشلارنى، يېقىندىن بۇيان ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى ۋە توختىماي سوئال سورايتتى، ۋېي تيەنجې ئۇنىڭ ۋە چولپانگۈل يۈسۈپنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن ئىدى، بۇ ئىككى بالا ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە ئاتا-ئانىسى بىلەن «ئاتىسى» ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولاتتى. ۋېي تيەنجې بۇ يىل پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى ئاستانە كەنتىدىكى ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنى پات-پات يوقلاپ تۇردى، ئۆزى بارالمىغاندا ئاستانە بازىرىغا بارىدىغانلارغا «بالىلىرى»نى كۆرۈپ كېلىشنى ئالاھىدە تاپىلاپ، سوۋغا-سالامنى تۇتقۇزۇپ قوياتتى.

     ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇنداق يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ قېلىشىغا ئاجايىپ قىسمەتلەر سەۋەبچى بولغان ئىدى. ۋېي تيەنجې 2010-يىلى چاغاندا بۇ ئائىلىگە تۇنجى كەلگەندە چولپانگۈل يۈسۈپ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقانىدى. ئۇ ئاتىسى يۈسۈپ ئەمەت، ئانىسى خەيرىنىسا يۈسۈپ بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئىنىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان بۇ خەنزۇ كىشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تېزراق كۆرۈشۈشكە ئالدىرىدى.

     چولپانگۈل يۈسۈپ سالام خەتتە مۇنداق يازغان ئىدى: «قەدىردان ئاتا، سىزنى ‹ئاتا› دەپ چاقىرغىنىمدا قەلبىم ھاياجاندىن تىترەپ، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ قالىمەن. ئەينى چاغدا ئاستانە بازىرىغا خىزمەت بىلەن كېلىپ، ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن تاساددىپىي خەۋەر تېپىپ، ئائىلىمىزگە ياردەم قىلدىڭىز، ئاتا-ئانامنىڭ ئازاب ئوتىدا ئۆرتىنىۋاتقان يۈرىكىگە مەلھەم بولدىڭىز، مۈشكىلاتىمىزنى يەڭگىللەتتىڭىز. ئائىلىمىز تۆۋەن كاپالەتكە تايىنىدىغان ئائىلە ئىدى، يېشى 60 قا ئۇلىشىپ قالغان ئاتا-ئانام دېھقانچىلىقتىن قىلغان ئازغىنە كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، پەلەك چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ، 2008-يىلى 1-ئايدا ئالتە ياشلىق ئىنىمنىڭ لىمفا راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى مەلۇم بولدى، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنىمنى داۋالىتىشقا كۆپ پۇل كېتىدىكەن، بۇ ئائىلىمىز ئۈچۈن زور بەختسىزلىك ئىدى. بىچارە ئاتا-ئانام ئىنىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ساتتى، بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلىنى تۈگەتتى، 2010-يىلىغا كەلگەندە ئاتا-ئانام 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى، لېكىن ئىنىمنى داۋالىتىشقا يەنە 100 مىڭ يۈەن كېرەك ئىدى، گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلغان ئائىلىمىزنىڭ ئەمدى تەقدىرگە تەن بەرمەكتىن باشقا ئامالى قالمىغانىدى...»

     كامىل يۈسۈپنى داۋالىتىش بۇ ئائىلىنى ھالسىرىتىپ قويغانىدى. تۆۋەن كاپالەتكە تايىنىدىغان، دېھقانچىلىقتىن باشقا كىرىمى يوق بۇ ئائىلە ئۈچۈن بالىنى داۋالىتىشقا كېرەكلىك 300 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى راسلاش ئاسانغا توختىمىدى، بالىنىڭ دەردىدە پۇچىلانغان يۈسۈپ ئەمەت بىلەن خەيرىنىسا يۈسۈپ بار ئامالنى قىلىپ، تۇغقانلىرىدىن، قولۇم-قوشنىلىرىدىن، كەنتتىكىلەردىن، قوشنا كەنتتىكىلەردىن، ئاستانە بازىرىدىكىلەردىن، ھەتتا ئېۋىرغول رايونى، قومۇل شەھىرىدىكىلەردىن ياردەم سورىدى، لېكىن بۇ پۇل ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، قەرز ئالغان، ئىئانە قىلىنغان پۇل ھەر قېتىملىق داۋالاشتىن ئېشىنمايتتى، 2010-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇلار كېيىنكى داۋالاشقا كېرەكلىك پۇلغا قەتئىي ئامال قىلالمىدى.

     ئىلگىرى ئاستانە بازىرىدا كۆپ يىل ئىشلىگەن ۋېي تيەنجې 2010-يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاستانە بازىرىغا كەلدى. ئۇ بازارلىق ھۆكۈمەتتىكىلەردىن ئاستانە كەنتىدىكى يۈسۈپ ئەمەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، دەرھال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى، باردى-يۇ، ئۆيدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. كىشىگە بوران ئۇچۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان ئۆيدە كۆزگە چېلىققۇدەك بىرەر ئائىلە جابدۇقى كۆرۈنمەيتتى، ئۇلار قىشلايدىغان ئۆيدىكى سۇپىدا تۈزۈكرەك كىگىزمۇ يوق ئىدى، يۈسۈپ ئەمەت ئەر-خوتۇن سەل خىجىل بولۇپ، ئۇنى سۇپىغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، سۇپىغا كۆرپە سالماقچى بولدى. ۋېي تيەنجې ئۇلارنى توسۇپ، سۇپىغا چىقىپ، يوتقاندا تۈگىلىپ ياتقان كامىل يۈسۈپنىڭ يېنىدا يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلىدى.

     ۋېي تيەنجې ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە 108 مىڭ يۈەننى كۆتۈرۈپ، يۈسۈپ ئەمەتنىڭ ئۆيىگە يەنە كەلدى. بۇ ئۇنىڭ تەشەببۇسى ۋە باش بولۇشى بىلەن قومۇل شەھىرى بويىچە يىغىلغان ئىئانە پۇل ئىدى. كامىل يۈسۈپ سەككىز قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالاش، 25 قېتىم نۇر بىلەن داۋالاشتىن كېيىن 2011-يىلى كېسەلدىن ساقىيىپ، مەكتەپ قوينىغا قايتتى. ۋېي تيەنجې بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇردى، چولپانگۈل يۈسۈپ ئۇنى 2010-يىلى يازدا تۇنجى قېتىم كۆردى.

     چولپانگۈل يۈسۈپ سالام خەتتە مۇنداق يازغان ئىدى: «2012-يىلى شيامېن شەھىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتىم. ئىنىمنىڭ كېسەل ئازابىدا قىينالغانلىقى، ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن يەتكۈچە ئازاب تارتقانلىقىنى ئويلاپ، ئارزۇ تولدۇرغاندا مېدىتسىنا كەسپىنى تاللىدىم، بۇنداق قىلسام كەلگۈسىدە نۇرغۇن كىشىگە ياردەم قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. چىڭدۇ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقاندەك خۇشاللىقىمنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي قالدىم، بىراق ئۆيدە پۇل يوق ئىدى، ئاتا-ئانام ئوقۇش خىراجىتى تۇرماق، يول كىراسىغا كېتەرلىك پۇلنىمۇ تەييار قىلالمايتتى. ئاتا-ئانامنىڭ مەندىنمۇ بەك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە، كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، نەچچە قېتىم مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يىرتىۋەتمەكچىمۇ بولدۇم، نېمە ئۈچۈن ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالغاندىمەن، نەتىجەم ياخشى بولمىغان بولسا، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولسام، ئاتا-ئانامنى ھازىرقىدەك خىجىللىقتا قويمايتتىم، دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم...»

     گەرچە كامىل يۈسۈپنىڭ كېسىلى ساقايغان بولسىمۇ، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلەتتى، ھەر قېتىملىق تەكشۈرتۈشنىڭ چىقىمى بۇ ئائىلىگە ئېغىر كېلىۋاتاتتى. يۈسۈپ ئەمەت ئەر-خوتۇن قىزى چولپانگۈلنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانلىقىدىن سۆيۈنسىمۇ، ئەمما ئوقۇش پۇلىنى غەملىيەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ قېلىۋاتاتتى. بۇ تومۇز كۈچىنى كۆرسىتىپ، جاھان تونۇردەك قىزىپ كەتكەن مەزگىل ئىدى، ۋېي تيەنجې ئۇلارنى يوقلاپ كەلدى. ئوقۇش توغرىسىدا پاراڭ بولغاندا چولپانگۈل «پاڭڭىدە» يىغلىۋەتتى، ئۇنىڭ يىغىسى ۋېي تيەنجېنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن ئىدى.

     چولپانگۈل يۈسۈپ سالام خەتتە مۇنداق يازغانىدى: «ئەينى چاغدا تۆت يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقىنىڭىزدا ھاياجانلانغىنىمدىن ‹رەھمەت تاغا› دېگەندىن باشقىنى دېيەلمىگەن ئىدىم. شۇ كۈنى كېچىدە يوتقانغا ئورۇنۇۋېلىپ خېلى ئۇزاققىچە يىغلىدىم، غېمىمنى يېگىنىڭىزگە، ئائىلىمىزگە ياردەم قىلغانلىقىڭىزغا خۇشال بولۇپ يىغلىدىم... بۇ يىل تەتىلدە ئىنىمنىڭ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولدۇم. ئەگەر سىز، خەن جۈنپىڭ تاغام، جاڭ لىبو تاغام ۋە باشقا تاغا-ھەدىلىرىم بولمىغان بولسا، ئىنىمدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتۇق. ئىنىمدىن ‹سېنى كىمنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى بىلەمسەن؟› دەپ سورىسام، ئۇ: ۋېي تيەنجې ئاتام،-دەيدۇ. ئۇنىڭغا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالما،-دېدىم.

     قەدىردان ‹ئاتا›، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ئىنىم بىلەن بىللە سىزنى يوقلاپ باراي دېگەنىدىم، لېكىن خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمىدىم، شۇڭا خەت ئارقىلىق سىزگە ئائىلىمىزنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئېيتقۇم كەلدى.»

     ۋېي تيەنجې چولپانگۈل يۈسۈپنىڭ سالام خېتىنى ھازىرمۇ پات-پات ئوقۇپ تۇرىدۇ، ئۇ خەتنى ھەر قېتىم ئوقۇغاندا كۆڭلىنىڭ مېھىر-مۇھەببەتتىن ياشىرىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.