مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز

    ئامانگۈل2017-07-12 17:32:42شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرلىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىل، دىلنۇر تۇرغۇن

      « < پارتىيەمىزنىڭ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يەتكۈزگەن مېھىر-شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن> دېگەن تېمىدا تەشۋىقات ماتېرىيالى تەييارلاپ، 2007-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا موتوسىكلىت بىلەن بېرىپ، 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتىم». بۇ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنتىدىكى دېھقان، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن قۇربانجان ئۆمەرنىڭ ئەسلىمىسى.

     قۇربانجان ئۆمەرنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىڭىزدە، ھويلىدا لەپىلدەپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن ھويلىنىڭ سول تەرىپىدىكى «دېھقانلار قىرائەتخانىسى» دېگەن خەت يېزىلغان بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىختىيارسىز دىققىتىڭىزنى تارتىدىكەن، بۇ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە، ئۆي ئىچىدىكى كىتاب ئىشكاپلىرىغا رەتلىك تىزىلغان كىتابلار، تامغا چوڭايتىپ ئېسىلغان پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى، تەشۋىقات رەسىملىرى سىزنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىكەن...

     بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن قۇربانجان ئۆمەرنىڭ بەش مو يېرى ۋە بىر مو بېغى بولۇپ، بىر ئوغلى ئاتۇش شەھىرىدە، بىر قىزى يېزىلىق شىپاخانىدا ئىشلەيدىكەن. ئۇ بۇ قىرا ئەتخانىنى 2007-يىلىنىڭ باشلىرىدا قۇرغان ئىكەن، شۇ چاغدا قۇربانجان خوتۇنى ۋە بالىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىر ئېغىز ئۆينى ئاجرىتىپ، ئۆز يېنىدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ كىتاب سېتىۋاپتۇ، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»، «قىزىلسۇ گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»، «بۈگۈنكى شىنجاڭ» قاتارلىق گېزىت-‎‎ژۇرناللارغا مۇشتەرى بوپتۇ. ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىرائەتخانىسىغا نۇرغۇن كىتاب سوۋغا قىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىتاب ۋە گېزىتلەرنىڭ تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كەنتتىكىلەر بۇ يەرگە دائىم كېلىدىغان بوپتۇ.

     قۇربانجان ئاكا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەپتىن قىرائەتخانا قۇرغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بالىلىق چاغلىرىمدا ئائىلىمىز بەك نامرات بولغاچقا، مەن ئاران باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغىچە ئوقۇيالىغان، شۇڭا ھازىرغىچە يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. مەن چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۇرتداشلارغا قىرائەتخانا قۇرۇپ بېرىشنى ئويلىدىم، ھازىر قىرائەتخانامدىن ئادەم ئۆكسىمەيدۇ، بالا-چاقىلىرىممۇ بىكار بولۇپ قالسىلا، قىرائەتخانىغا كىرىپ كىتاب كۆرۈشكە ئادەتلەندى.

     بىز قىرائەتخانىدا قېلىن بىر دەپتەرنى ۋاراقلاپ، ھەر قېتىم كىتاب كۆرگىلى ۋە ئارىيەت ئالغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىسمى، ئادرېسى ۋە كىتاب ئارىيەت ئالغان ۋاقتىنىڭ ئېنىق خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆردۇق، تىزىملىكتىن بۇ قىرائەتخانىغا كەنتتىكى دېھقانلارلا كېلىپ قالماستىن، قوشنا يېزا-كەنتلەردىنمۇ كېلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق. ھازىر بۇ قىرائەتخانا باشقىلار سوۋغا قىلغان كىتابلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ.

     قۇربانجان ئۆمەرنىڭ مىننەتدارلىقى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماپتۇ. ئۇ 2007-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى موتسىكلىت مىنىپ ئاتۇشتىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىپ، يول بويى شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىپتۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى 40 تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە تەشۋىقات ۋارىقى قىلىپ باسقۇزۇپ يول بويى تارقىتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى تاراتقۇلار ئارقىلىق خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان سەپىرىنى بىلگەن نۇرغۇن كىشى ئۇنى يول ئۈستىدە تونۇپ ئۇنىڭغا ياردەم قىپتۇ، ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. قۇربانجان ئۆمەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ جەرياندىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدىكەن. قۇربانجان ئۆمەر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، ئۆزىمۇ بۇ خىل ئىللىقلىقنى تېخىمۇ ھېس قىلىپتۇ. 2008-يىلى 5-ئايدا ئۇ يەنە موتسىكلىت مىنىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى كېزىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشۋىق قىلدى. 2009-يىلى ئۇ «ئانا ۋەتىنىمىز جۇڭخۇانى سۆيەيلى»، «پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز» ناملىق ئىككى پارچە تەشۋىقات ماتېرىيالىنى يېزىپ، موتسىكلىت بىلەن تەرەپ-تەرەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى، يول بويىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ئۇنىڭغا ھەقسىز ماي قاچىلاپ بەردى.

     2007-يىل 8-ماي قۇربانجان ئۆمەرنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ئىكەن. ئۇ شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يەتتە يېشىمدا بىخلانغان بېيجىڭغا بېرىش ئارزۇيۇم ئاخىرى روياپقا چىقتى. شۇ كۈنى سەھەردىلا تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردۈم. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەندە كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى. شۇ چاغدا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھويلامغا دۆلەت بايرىقى ئېسىپ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەش ئىستىكى تۇغۇلغانىدى.

     دېگەندەك، ئۇ قايتىپ كېلىپلا ھويلىسىغا ئالتە مېتىر ئېگىزلىكتە بايراق خادىسى ئورنىتىپ، ھەر دۈشەنبە ۋە ئەھمىيەتلىك خاتىرە كۈنلەردە، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ.

     ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن مەزگىللەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا پۇل ئىئانە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن. ئۇ: بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلار كۆپ ياردەم بەرگەن، شۇڭا ئۇلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىزمۇ ياردەم بېرىشىمىز كېرەك،- دېدى. ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يۇرتداشلىرىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلدى. ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى ۋە ھاياجانغا سالغىنى، ئۇنىڭ 2014-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغانلىقى ئىدى.

     ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىمام قارى مۇنداق دېدى: قۇربانجان ئۆمەر پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خالىس تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان پارتىيە ئەزاسى. كەنتىمىزدە 82 پارتىيە ئەزاسى بار، بىز بۇنىڭدىن كېيىن قۇربانجان ئۆمەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەنتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

     قۇربانجان ئۆمەر بىزگە: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانلارغا قاراتقان ئېتىبار سىياسەتلىرى كۆپەيدى، ھازىر ئازادە، چىرايلىق ئۆيلەردە ئولتۇرىۋاتىمىز، تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا پارتىيەنىڭ ئوبدان سىياسەتلىرىنى قانچە سۆزلىسەك، قانچە تەشۋىق قىلساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ،-دېدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.