مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئەمەلىي ئىشتىن سۆيۈنگەن دىللار

    ئامانگۈل2017-07-12 17:27:57شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخىرلىرىمىز تۇرغۇن مەخمۇت، قادىر ئىسمائىل

     داڭلىق يازغۇچى لۇشۈن ئېلىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى نامرات ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «نامراتلارغا قەھرىتان قىشتا گۈل كەشتىلەپ بېرىش ئەمەس، كۆمۈر يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك» دېگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە 3-تۈركۈمدە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرى جىرىملىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئاۋامنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، ئاۋامغا «گۈل كەشتىلەپ بېرىش»كە ئەمەس، «كۆمۈر» يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھەقىقىي كۈچىدى.

     يېڭى مەنزىل، يېپيېڭى قەدەم

     كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرى جىرىملىق كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسىغا 30-مارت بارغىنىمىزدا، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن تەكلىپ قىلىنغان دوختۇرلار كەنتتىكى ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتقان ئىكەن. بىرنەچچە دېھقاننىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت خالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ، چوڭ يولغا توختىتىلغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا بېسىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتتى. ئۇلارنىڭ چېھرى خۇشلۇقتىن كۈندەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى.

     ـ خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئېتىبار باھادا سېتىۋالغان ئوخشىمامسىلەر؟ـ سورىدۇق ئۇلاردىن.

     ـ سېتىۋالمىدۇق، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار خىمىيەۋى ئوغۇتنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمدى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ غېمىدىن قۇتۇلدۇق. بۈگۈن يەنە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار تەكلىپ قىلغان دوختۇرلار كېسىلىمىزنى ھەقسىز كۆرۈپ، ھەقسىز دورا تارقىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ غېمىمىزنى يەۋاتقان مۇشۇ كادىرلارغا قانچە رەھمەت ئېيتساق ئازلىق قىلىدۇ...-دېدى ئارىدىن بىر دېھقان كۈلۈپ تۇرۇپ.

     دېھقانلار بىلەن خوشلىشىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت تارقىتىلىۋاتقان يەرگە كەلسەك، 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىرنەچچە دېھقانغا خىمىيەۋى ئوغۇتتىن ئىلمىي پايدىلىنىپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىۋاسىتە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئىزدەشنى جېكىلەۋاتقان ئىكەن. بىزگە يول باشلاپ بارغان كادىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ ئايال ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جىرىملىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى پەرىدە رېھىم ئىكەن.

     ـ ئايال كىشىگە ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش ھەقىقەتەن تەس كېلىدۇ. خىزمەت ئىشلەشتە بەلكىم نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنسىز-ھە؟ ـ سورىدۇق ئۇنىڭدىن.

     ـ قىيىنچىلىق ھەممىلا يەردە مەۋجۇت، گەپ قىيىنچىلىقنى قانداق يېڭىشتە، - دېدى پەرىدە رېھىم ئىشەنچ بىلەن، - جىرىملىق كەنتىدىكى 58 نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى بىزگە يۈكلەندى. شۇڭا بىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ، نامراتلارغا بېيىش يولى تېپىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. يىغىنچاقلىغاندا، بىز بۇ يەردىكى دېھقانلارغا ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرماقچىمىز.

     خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىدىن ئۇقۇشىمىزچە، جىرىملىق كەنتىدە يەر ئاز، نوپۇس كۆپ، سۇ قىس بولغاچقا، بۇ ئەمەلىي مەسىلىلەر ئاممىنىڭ بېيىش قەدىمىنى چەكلەپ كەلگەنىكەن. 3-تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى تۈرگە ئايرىغاندىن كېيىن يېقىندا ئۇلارغا 17 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 3000 توخۇ تارقىتىپ بېرىپتۇ. ئۇزاق يىل كېسەل بولۇپ نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ھەر بىرىگە بەشتىن ساغلىق تارقىتىپتۇ.

     ـ كەنتتىكى 300 ئائىلىلىك دېھقان 1000 مودەك تېرىلغۇ يېرىگە قوناق تېرىيدىكەن. دېھقانلار تېرىۋاتقان قوناقنىڭ سورتى ھەرخىل بولغاچقا ھەم تېخنىكىلىق پەرۋىش ھالقىسىغا سەل قارالغاچقا، دېھقانلار قوناقتىن تۈزۈكرەك ھوسۇل ئالالمايدىكەن، بازارغا يارىغانلىرىنىڭمۇ باھاسى تۆۋەن ئىكەن، - دېدى پەرىدە رېھىم، - دېھقانلارنىڭ قوناق تېرىقچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كەنتتىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىم يولى تېپىپ بېرىش ئۈچۈن بىز كەنتتە قوناق كەسمە چۆپى زاۋۇتى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدۇق. بىز كەنتتىكى 300 ئائىلىلىك دېھقان بىلەن تېرىلغۇ يېرىگە ئەلا سورتلۇق قوناق تېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق. قوناق تېرىغان دېھقانلارنى ئىلمىي پەرۋىش تېخنىكىسى بويىچە تېخنىكىلارنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس تەربىيەلىمەكچى بولۇۋاتىمىز. كەسمە چۆپ زاۋۇتى قۇرۇلسا دېھقانلارنىڭ قونىقىدىن كەسمە چۆپ ئىشلەپ ئىنچىكە ئوراپ قاچىلاپ يۇقىرى باھادا سېتىپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزەلەيمىز، زاۋۇتقا يەنە ئىش كۈتۈۋاتقان 20دەك ياشنى ئورۇنلاشتۇرالايمىز. بىز يۇقىرىدىن بىزگە چۈشۈرۈپ بەرگەن مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، كەنتتە ئۈچ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆستەڭنى سۇ سىڭمەس قىلىشنى، بۇ قۇرۇلۇشنى 9-ئايغىچە پۈتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە كەنتنىڭ سۇ قىس بولۇش ھالىتىنى ياخشىلاشقا زور ياردىمى بولىدۇ.

     كەنت كادىرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خىزمەت ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى 20 ئائىلىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى سىناق نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىپتۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ 20 ئائىلىلىكنىڭ ھەر بىرى يۇقىرىنىڭ 10 مىڭ يۈەن يۆلەش مەبلىغىگە ئېرىشىدىكەن. پەرىدە رېھىم كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىكى «ئەجرىم» پېچىنە-پىرەنىك زاۋۇتى، «ئەجىر» كىيىم زاۋۇتىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، كەنتتىن مەخسۇس يەر ئاجرىتىپ بېرىپ، كەنتتە بۇ زاۋۇتلارنىڭ تارماق شىركىتىنى قۇرۇپتۇ. شىركەت خادىملىرى جىرىملىق كەنتىدىكى ئاھالىلەرنى تىككۈچىلىك ۋە پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش كەسىپلىرى بويىچە تەربىيەلەشكە كىرىشىپتۇ. بۇ ئىككى زاۋۇت رەسمىي ئىشقا كىرىشسە كەنتتىكى 50تىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىكەن.

     ـ ئائىلىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلىپ، تەتىلدە 80دەك بالىغا ھەر كۈنى كەچ خەنزۇ تىلىدىن دەرس ئۆتتۇق، - دېدى پەرىدە رېھىم، - ئاشۇ «قارا كۆز»لەرنىڭ دۆلەت تىلىنى ياخشى ئىگىلىيەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىزدىدۇق. زامان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتسا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قاراتۈرۈك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى يۈرۈكىمىزنى ئەزدى. شۇڭا مەن يېزىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا «قوش تىل»لىق ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى، پەرزەنتلەرنى ساپالىق تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدىم. كېيىنكى يېرىم يىلدا مۇنەۋۋەر «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ «قوش تىل»لىق ئوقۇتۇش بويىچە تۈركۈملەرگە بۆلۈپ تەربىيەلەشنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھارپىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئالاقاغا بازىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن سىستېمىلىق تەكرار قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشىكىنى چېكىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىشنى پىلانلىدۇق.

     كەنت كادىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىزمەت ئەترىتى يېقىندا تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىدىكىلەرنى ئاشپەزلىك، تامچىلىق ھۈنەرلىرى بىلەن تەربىيەلەپتۇ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە نامرات ئائىلىدىكىلەر كەنتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپتۇ؛ ئاشپەزلىك كۇرسىغا قاتناشقانلاردىن ئىككىيلەن كەنت مەركىزىدە چاققانغىنە ئاشخانا ئېچىۋاپتۇ.

     ئىللىق كۆڭۈل، ئۆڭمەس ئەقىدە

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ جىرىملىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ بىر كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇلارغا ماس كېلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، ئۇلارنىڭ «دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا» بولۇشقا ئالدىرىدى.

     28-فېۋرال، يەنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتكە كېلىپ 4-كۈنى پەرىدە رېھىمنىڭ باشچىلىقىدا كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار تۇدەم تۇردىنىڭ ئۆيىگە كىردى. ھويلا تولىمۇ ۋەيرانە بولۇپ، ئوت-چۆپلەر، چارۋىلارنىڭ ماياقلىرى ھويلىنى بىر ئالغانىدى. ئۇزاق يىل ئاقارتىلمىغانلىق سەۋەبىدىن تاملىرى قارىداپ، ئىسلىشىپ كەتكەن ئۆينىڭ كېڭىدا يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەكلەر چېچىلىپ ياتاتتى. قالايماقان تاشلانغان يوتقان-كۆرپىلەر ئىچىدىن ئايال كىشىنىڭ تولىمۇ زەئىپ ھالەتتە ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

     پەرىدە رېھىم ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى. ئايالنىڭ پۇتى ئۈچ يېرىدىن سۇنغان بولۇپ، سۇنغان ئورۇن ياللۇغلانغانلىقتىن يىرىڭ ئېقىپ تۇراتتى. ئاغرىقنىڭ ھالى تولىمۇ ناچار بولۇپ، تىكلىنىپ ئولتۇرغىدەكمۇ مدارى قالمىغاندەك ئىدى. بۇ ھالەتنى كۆرگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كۆزى ياشلاندى.

     ـ ئاغرىقنى نېمىشقا دوختۇرغا كۆرسەتمىدىڭلار؟ - سورىدى پەرىدە ئاغرىقنىڭ ئېرىدىن.

     ـ دوختۇرغا كۆرسەتكىدەك پۇل بولغان بولسا بۇنداق ھالەتتە ياتاتتىمۇ مۇدىر،- دېدى ئايالنىڭ ئېرى كۆز يېشى قىلىپ، - قۇرامىغا يەتكەن ئۈچ ئوغلۇم بار، بىراق بىرىمۇ ئىشقا يارىمايدۇ، ھەممىسىنىڭ نېرۋىسى ئاجىز. مېنىڭ كېسەللىرىم جىق، ئېتىزدا ئىشلىيەلمەيمەن، خوتۇنۇم تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتاتتى، ئۆگزىدىن يىقىلغان باھانە بىلەن مانا بۇمۇ مۇشۇ ھالەتتە ياتتى...

     پەرىدە رېھىم تىترەۋاتقان قولىغا تېلېفوننى ئېلىپ بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ باشلىقىغا تېلېفون بەردى، دوختۇرخانا باشلىقى يېتىپ كېلىپ ئاغرىقنىڭ پۇتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا پۇتىنىڭ سېسىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېمەك جىددىي تۇتمىسا بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى غۇلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. پەرىدە ئاغرىقنى بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئاپتوموبىلىغا سېلىپ كۇچا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتتى. نەتىجە بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ باشلىقىنىڭ دېگىنىدەك چىقتى. پەرىدە دوختۇرخانا باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاغرىقنى دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشنى، كېتەرلىك چىقىمنى ئۆزى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

     ئاغرىق ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىنغاچقا، پۇتى ساقلاپ قېلىندى. بىراق 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە ھەققى بۇ نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ يەلكىسىنى باستى. بۇ پۇلنى قانداق قىلىپ غەملىگۈلۈك؟ پەرىدە دەرھال ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئالاقاغا بازىرىنىڭ 15 كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى تۇدەم تۇردىغا پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. جەمئىيەتكىمۇ مۇراجئەتنامە ئېلان قىلدى، شۇنداق قىلىپ 32 مىڭ يۈەن يىغىلدى. خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئېغىر كېسەللەر ياردىمى تۈر مەبلىغىدىن 25 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئاغرىقنىڭ داۋالىنىش ھەققى راسلاندى.

     بىز 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇدەم تۇردى داۋالىنىۋاتقان ئالاقاغا بازارلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا باردۇق، تۇدەم تۇردىنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولغاچقا، پەرىدە رېھىم ئۆزى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئاغرىقنى ئەكىلىپ، بازارلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىكەن. پەرىدەنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تۇدەم تۇردى ئورنىدىن تېزلىكتە تۇرۇپ ئۇنى چىڭ قۇچاغلىدى.

     ـ سىزگە مىڭلارچە رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ، - دېدى تۇدەم تۇردى مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، - ناۋادا سىز بولمىغان بولسىڭىز بىر پۇتۇمدىن ئايرىلىپ مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالار ئىدىم. سىزگە، سىزنى بىزگە ئەۋەتكەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت سىلەرگە!...

     ئاغرىق بىلەن خوشلىشىپ كېسەلخانىدىن چىقتۇق. پەرىدە ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار چۈشتىن كېيىن ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق بىر دېھقاننىڭ ئېتىزىنى تۈزلەپ، مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئالدىراپ كېتىپ قالدى. كەنتنىڭ دەرەخلىك يولىدا خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ گەۋدىسى بارغانسېرى يىراقلاپ، بۇ ئەزىزانە زېمىنغا سىڭىپ كەتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.