مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    دىيارىمىزدا

    ئالتە شۇئاردا ياڭرىغان ئۆملۈك ناخشىسى

    ئامانگۈل2017-07-12 17:08:13ئىلى كەچلىك گېزىتى

    قەيسەر قېيۇم (ئۆز مۇخبىرىمىز)

    4-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت توققۇزلار بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قەبرىستانلىقنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ئادەملەر يىغىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت ۋە ۋېلىسىپىتلار بىلەن كەلگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ قوللىرىدا گۈرجەك، كەكە ۋە دەرەخ پۇتايدىغان قايچا قاتارلىق سايمانلار بار ئىدى. بىردەمدىلا بۇ يەرگە 50كە يېقىن ئادەم يىغىلىپ بولدى. ئۇلارنىڭ چوڭى 70 ياشلارغا تاقاپ قالغان مويسىپىتلار، كىچىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. بۇ يەردىكى دەرەخلەرنىڭ بىر قىسىملىرى قۇرۇپ كەتكەن، ئىككى تەرەپتىكى مەيداننى قوراي، قۇرۇغان دەرەخ شاخلىرى ۋە ئەخلەت-چاۋالار قاپلىغان بولۇپ، كىشىگە بىئاراملىق تۇيغۇسى بېرەتتى. ئادەملەر تولۇق كېلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئەخلەت-چاۋالارنى يىغىش، قورايلارنى ئورۇش بىلەن ئەمگەككە چۈشۈپ كېتىشتى.

     تۈنۈگۈن مەھەللىدىكى قۇددۇسكام ماڭا بۈگۈن ئەتىگەندە مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆچەت تىكىشكە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

     − مەن نېمە ئالغاچ چىقاي،− دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن دەرھال. تىكىدىغان كۆچەتلەرنى تېخى ئالمىغان بولسا ئېلىپ بېرىش ئويۇم بار ئىدى.

     − بولدى ئۆزۈڭ چىققىن، ھەممە نەرسە تولۇق. گۈرجەك ئېلىۋال، ئەمگەك قىلىسەن،− دېدى ئۇ ماڭا كۈلۈپ.

     مەن ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئالتەشۇئار مەھەللىسىدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قاسىم بەكرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭدىن ھەر يىلى باھار كېلىشى بىلەن بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ باشچىلىقىدا بىر كۈنلۈك كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ پائالىيەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بۇيىل توپتوغرا 35 يىل بوپتۇ.

     سائەت 10لار ئەتراپىدا مەھەللىدىكى سالاھىدىن ئاپتوموبىلى بىلەن بىر قوينى ئېلىپ كەلدى. قوينىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ بىرنەچچەيلەن دەرھال ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈپ بوغۇزلىدى. قۇددۇسكاممۇ بايىدىن بېرى ئەمگەك قىلىۋاتقانلارغا چۈشتە پولو ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن قازان-قومۇچلارنى يۇيۇپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇ بۇس زىيان قىلىپ كەتتى، دەپ چوڭ قازاننىڭ تامىقىنى ئېتىشتىن قالغىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈن بۇ يەردە ئۆزى باش بولۇپ يەنە قازان بېشىغا ئۆتكەن ئىدى. قوينى مەھەللىدىكى ياشلار بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئاتاپ ئالغان، تىكىلىدىغان مېۋىلىك كۆچەتلەرنىمۇ مەھەللىدىكىلەر ئالغان، ئىشقىلىپ بۈگۈنكى پائالىيەتكە كېرەكلىك بارلىق ماتېرىياللارنى كۆپچىلىك بىرلىكتە تەييار قىلغان ئىدى.

     چۈش بولغىچە ئەسكىلىكلەر تازىلىنىپ، قۇرۇغان شاخ ۋە قورايلار كۆيدۈرۈۋېتىلدى. ئىككى تەرەپتىكى دۆڭلۈك تۈزلىنىپ، ئازادە، كەڭرى مەيدان ھاسىل قىلىندى.

     مەن بۇ مەھەللىگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەچكە بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلەن تېخى تونۇشۇپ كېتەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈنكى بۇ ئەمگەك قوشنىلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. ھەممەيلەن قىزغىن كەيپىياتتا كۆچەتلەرنى تازىلاپ، مەھەللىدىكى تېخنىكنىڭ تەلىپى بويىچە تۈزلەنگەن دۆڭلۈككە، ئېرىق بويلىرىغا ئۆلچەملىك ئورەك كولاپ، كۆچەتلەرنى رەتلىك تىكىشتى.

     شۇ كۈنى بۇ يەرگە 200گە يېقىن مېۋىلىك كۆچەت تىكىلدى. بىر كۈنلۈك ئەمگەك كىشىلەرنى خېلىلا چارچاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە يەنىلا شادلىق جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. چۈنكى 35 يىلدىن بۇيانقى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاددىي ئەمما ئەھمىيەتلىك كوللېكتىپ ئەمگەككە ئالتەشۇئار مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ ئىناق، ئىتتىپاقلىقى، ئەمگەك سۆيەر پەزىلىتى سىڭگەن ئىدى. بۇ يەرگە تىكىلگەن كۆچەتلەرمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىناقلىق- ئىتتىپاقلىق كۆچەتلىرى ئىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.