مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ئۇچۇرلىرى

    ئائىلە زۇلمىغا خوش دەيدىغان چاغ كەلدى

    ئامانگۈل2017-07-12 16:19:17شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

    ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىيە ئەبەيدۇللا

     «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دەپ ئېلىنىدۇ) 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، بۇ يىل 1 ـ مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. مەزكۈر قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلىمىزدە ئائىلە زۇلمىغا خوش دەيدىغان چاغ كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.

     خوتۇنىنى ئۇرغان ئەر بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

     1 – مارت «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئۇنىڭدا ئائىلە زۇلمىنىڭ چەك –چېگراسى، دائىرىسىگە ئېنىقلىما بېرىلدى. ئائىلە زۇلمى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، باغلاپ قويۇش، ناكا قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، دائىم تىللاش، ھاقارەتلەش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

     1 – مارت ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق ئائىلە زۇلمى دېلوسىغا سوت ئېچىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ ئېلىمىزدە «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئائىلە زۇلمى جىنايەتچىسىگە تۇنجى قېتىم ھۆكۈم چىقارغان دېلو ھېسابلىنىدۇ.

     سوتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار ھ xx ئۈچ يىل ئىلگىرى زەھەر چېكىشكە باشلىغان، ئۆيىدىكى قولغا چىققۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ تۈگەتكەندىن باشقا، دائىم خوتۇنىنى ئۇرۇپ، دۇمبالاپ، ئېغىر زۇلۇم سالغان. بۇلتۇر 16 – نويابىر كەچتە ھ xx يەنە خوتۇنى بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنى تامغا ئۈستۈرۈپ، ئۇرۇپ، ئېغىر زەخىملەندۈرگەن. بۇنى كۆرگەن قولۇم ـ قوشنىلىرى دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلار دەل ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ ھ xx نى نەق مەيداندا تۇتقان، قانۇن دوختۇرلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زەخمىسىنى 2 ـ دەرىجىلىك يېنىك زەخمە دەپ يەكۈن چىقارغان.

     جاۋابكار دۆلەتنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنى ئۇرۇپ، جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234 ـ ماددىسىنىڭ 1 ـ تارمىقى ۋە «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بەردى.

     تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش بۆلۈمىدىن پەرھات ئەركىن مۇنداق دېدى: «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئائىلە زۇلمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، ئائىلە ئىناقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن. بۇ دېلودىكى جاۋابكار ھ xx نىڭ خوتۇنى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىمەن دەپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالغاندا، ھ xx قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۈچ ياشلىق بالىسىنىڭ ئالدىدىلا خوتۇنىنى قاتتىق ئۇرغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئائىلە زۇلمى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلمىشى نارەسىدە بالىسىدا روھىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ دېلودا ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا مۇۋاپىق بولغان. مۇشۇنداق جاۋابكارلار جازاغا تارتىلسا، ئائىلە زۇلمىنى تۈگىتىشكە پايدىسى زور.

     مۇتەخەسسىسلەر نېمە دەيدۇ

     «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ ئەتىسىلا، يەنى 2 ـ مارت، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچىدە «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

     سۆھبەت يىغىنىدا ھەر ساھەدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى يىلى مۇنداق دېدى: بىز «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قانۇننى ئوبدان تەشۋىق قىلىپ، ئائىلە ۋە نىكاھ ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاياللارغا قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىز ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇش، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلىش، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىمىز.

     ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، شۇنداقلا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، لېكىن جەمئىيەتتە ئائىلە زۇلمىغا چېتىشلىق ئىشلارنى ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشى، شەخسىي ئىشى دەپ قارايدىغانلار ئاز ئەمەس.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سانىيە مامۇت مۇنداق دېدى: ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللارنى ئائىلە زۇلمىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، لېكىن مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا. بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قىلىنغان ئەرز ـ شىكايەتنىڭ %70 ى نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىكەن، بۇنىڭ %40 ى ئائىلە زۇلمىغا چېتىلىدىكەن. زىيانلانغۇچىلارنىڭ %90 ى ئاياللار، قالغىنى ياشانغانلار ۋە بالىلار ئىكەن. «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى قانۇن – نىزاملاردا تىلغا ئېلىنمىغان تىللاپ ھاقارەتلەش، قورقىتىش قىلمىشلىرىمۇ ئائىلە زۇلمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ئادەتتە ئائىلە زۇلمىنىڭ دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەندە، ئېنىقلا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىناتتى، بىراق يېنىكلىرى نەزەرگە ئېلىنمايتتى، بولۇپمۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايدىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇشقا دائىر قانۇن بولمىغاچقا، بۇنداق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش تەسكە چۈشەتتى. بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان قانۇندا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداشقا دائىر مەزمۇنلار بار. مەزكۇر قانۇندا يەنە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاياللار خىزمىتىنى ئىشلىگۈچى تەشكىلاتلارنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى بەلگىلەنگەن. ئىلگىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ئىسپات كۆرسىتىش تەسكە چۈشەتتى، بۇ قانۇندا ئائىلە زۇلمىغا ئۇچراپ ج خ ئورگانلىرى دېلو قوبۇل قىلغاندا چوقۇم خاتىرە قالدۇرۇش، قالدۇرۇلغان خاتىرىنى كېيىنكى دەۋا ئىشىدا ئائىلە زۇلمىغا ئۇچراشنىڭ ئىسپاتى قىلىش بەلگىلەندى.

     ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش 3 ـ كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى رەيھانگۈل ئاسىم مۇنداق دېدى: «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئاساسىي قانۇندىكى ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش پىرىنسىپىنىڭ تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دا ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئائىلە زۇلمى يۈز بېرىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشى كېلىپ چىققان ئەھۋالدا، زىيانكەشلىك قىلغۇچى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ۋە قەستەن قاتىللىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلاتتى. ئائىلىدىكىلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بارلاردىن بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، تاشلىۋەتكەنلەرنى تاشلىۋېتىش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلاتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇزاق مۇددەت روھىي جەھەتتىن خورلىغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت ئازابلىغانلارنى خورلاش جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بار ئىدى، لېكىن بۇ بەلگىلىمىلەر ئايرىم – ئايرىم قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن، قاراتمىلىقى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، بىزدە ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «ئائىلە زۇلمى ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشى، ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ، دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ» دەيدىغان كۆز قاراشقا خاتىمە بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە زۇلمى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىلا بولۇپ قالماي، شۇ ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، شۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئولتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغىمۇ بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. بالاغەتكە يەتمىگەنلەر، ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلار ئائىلە زۇلمىنىڭ تەھدىتى تۈپەيلىدىن، قورقۇپ ياكى بېسىمغا ئۇچراپ، ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلالمىغان ئەھۋالدا، مەكتەپ، يەسلى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلار خىزمەت جەريانىدا بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دوكلات قىلىشى كېرەكلىكى بۇ قانۇندا بەلگىلەندى. ئەگەر مۇشۇ ئورۇنلار ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلمىسا، ئۇلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

     شىنجاڭ «قوش تىل» لىق ئادۋوكاتخانىسىدىن گۈلنار توختىنىياز مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا ئائىلە زۇلمىغا ئائىت نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان بولسىمۇ، تازا مۇكەممەل ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتى تولۇق قوغدالمىغانىدى. ئائىلە زۇلمىنىڭ تۈگىمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ھازىرمۇ بەزى كىشىلەردە «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار» دەيدىغان ئىدىيە مەۋجۇت، شۇ ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە بەزى كىشىلەر ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئائىلە زۇلمىغا ئۇچراۋاتقان، جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، دەپ قارايمەن. مەن بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دېلو بېجىرىش جەريانىدا ئۆگەي ئاتا ـ ئانىلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان بالىلار، ئېرىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى كۆپ قوبۇل قىلدىم. مېنىڭ بۇ جەرياندا ھېس قىلىشىمچە، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئۆزىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قانداق قوغداشنى بىلمەيدىكەن، يېزا – قىشلاقلاردا بۇ ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، چوڭ شەھەرلەردىمۇ بار ئىكەن. مېنىڭچە، «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

     مەن بىر دېلو مېسالىنى سۆزلەپ بېرەي، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر ئەر خوتۇنىنى ئۇرۇپ، كۆزىنى كۆرمەس قىلىپ قويغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىم ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە باشقا ئورۇنلارغا بېرىپ، ئەھۋالىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان. ئۇ تولا تەھدىتكە ئۇچراپ، تاياق يەپ، ئائىلە زۇلمىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقانىكەن. بىز بۇ دېلوغا ئارىلىشىپ، ئەر – خوتۇننى ئاجراشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئايالنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. ھازىر ئائىلە زۇلمىغا ئۇچراش پەقەت ئاياللار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بالىلار، ياشانغانلاردىمۇ كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قانۇنغا تايىنىپ قوغداشنى بىلىشى كېرەك. پۇقرالارنىڭ ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغۇچىلارنى بايقىغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ قانۇن ياردىمى مەركىزىدىكى ئادۋوكاتلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھەقسىز ئادۋوكات بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداپ، قانۇنىي مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئائىلە زۇلمى قانۇنى» نى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

     «ئائىلە زۇلمىنى تۈگىتىش ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش»

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خاسىيەت ئېلى مۇنداق دېدى: ئائىلە زۇلمىنى تۈگىتىش ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش. «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قاراپلا، ئائىلە زۇلمى تۈگىدى، دېيىشكە بولمايدۇ، ئائىلە زۇلمىنى ئۈنۈملۈك توسۇش، تۈگىتىش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئائىلە زۇلمىغا دائىر قىلمىشلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئائىلە زۇلمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ياكى بىرەر تەشكىلاتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى مائارىپ، سەھىيە، مالىيە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىمۇ ئائىلە زۇلمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ قۇتقۇزۇش پەقەت ئەدلىيە جەھەتتىكى ھوقۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىشتىن باشقا، ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغانلارنى روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن قۇتقۇزۇش، ئۇلارغا قەددىنى رۇسلاش، ئۆز قىممىتىنى تونۇش پۇرسىتى ۋە مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش، ھازىر بار بولغان ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغانلارنى پاناھلاندۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاجىزلار توپىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېنىڭچە، سوغۇق ئائىلە مۇناسىۋىتىمۇ چەكلىنىشى كېرەك. «ئائىلە زۇلمى قانۇنى» دا سوغۇق ئائىلە مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئىسپات كۆرسىتىش جەھەتتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان، لېكىن ھازىر سوغۇق ئائىلە مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئائىلە زۇلمى دېلولىرى كۆپرەك يۈز بېرىۋاتىدۇ. «‹ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نى يولغا قويۇش چارىسى» ياكى مۇشۇ ھەقتە يەرلىك نىزام تۈزۈلسە، بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلسا دەپ قارايمەن. ئائىلە زۇلمىنى تۈگىتىش ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش بولغانىكەن، ئائىلە زۇلمىنىڭ زىيىنى، ئېغىر ئاقىۋىتى توغرىسىدا تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاياللار قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىشى، ئۆزىگە تايىنىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، قەدىر – قىممىتىنى ساقلىشى، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا سۈكۈتتە تۇرماي، مەسىلىنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشنى بىلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار تەشكىلاتلىرى قوبۇل قىلغان نىكاھ، ئائىلە ماجىرالىرى توغرىسىدىكى ئەرز – شىكايەتلەرنىڭ %50 كە يېقىنى ئائىلە زۇلمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى بېجىرگەن نىكاھ، ئائىلە ماجىراسى دېلولىرىنىڭ %70 ى ئائىلە زۇلمىدىن كېلىپ چىققانىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز ئائىلە زۇلمىنى تۈگىتىش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئائىلە زۇلمى تېخىچە مەۋجۇت ئىكەن.

     «ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللىنىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىدۇ، ئەلۋەتتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.