مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈچ تال مۇقىم خەۋەر

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

    ئامانگۈل2017-07-12 10:19:55شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلىدى:

     بىرىنچى، ئوۋ بوچيەن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرېنادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

     جاۋ يۇڭچېننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرېنادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

     ئىككىنچى، ۋاڭ ۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سان تومې ۋە پىرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

     ئۈچىنچى، ليۇ بىۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دانىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

     دېڭ يىڭ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دانىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.