مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    قانۇن ساۋاتلىرى

    پەرزەنتلەر 18 ياشقا توشقاندىن كېيىنمۇ بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولامدۇ؟

    ئامانگۈل2017-07-05 12:11:14شىنجاڭ گېزىتى

     دېلو مىسالى: شى Xنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، دادىسى ھەر ئايدا 400 يۈەن بېقىش ھەققى بېرەتتى. 18 ياشقا كىرگەن شى X ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن، ئوقۇش خىراجىتى، تۇرمۇش خىراجىتى كۆپەيدى دېگەن سەۋەب بىلەن سوتقا ئەرز قىلىپ، دادىسىدىن بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىپ، ھەر ئايدا 800 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

     سوت مەھكىمىسى 1 – سوتتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىپ، شى Xنىڭ ئەرز تەلىپىنى رەت قىلدى. شى X 1 – سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي، قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، 1 – سوتنىڭ قانۇننى تەتبىقلىشى توغرا بولغان، ھۆكۈممۇ مۇۋاپىق بولغان دەپ قارىدى. لېكىن بىۋاسىتە ھۆكۈم چىقارمىدى. سوتچى شى Xنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، شى Xنى دادىسى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتىن يېقىنلىشىشقا دەۋەت قىلدى. دېلو بېجىرگۈچى سوتچى ئالاقىدارلار بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا شى X ئەرزىنى قايتۇرۇۋالدى، شى Xنىڭ دادىسىمۇ قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاماملىشىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

     سوتچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى: مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1 – سوتتا قاراپ چىققان سوتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ دېلو نىكاھ قانۇنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا دائىر قانۇن ئىزاھاتىدىكى بېقىش مەسئۇلىيىتىگە دائىر ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە چېتىلىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى››نىڭ 21 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ‹‹ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بار... ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلىرى ئاتا – ئانىسىدىن بېقىپ تەربىيەلەش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق››. مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئاتا – ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلىرىگە بېقىش ھەققى بېرىشتەك قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار. بەرگەن بېقىش ھەققى نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يەتمىگەندە، ئاتا – ئانىدىن بېقىش ھەققىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

     پەرزەنتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغانلىقى قانداق ئايرىلىدۇ؟ ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى>نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1)››نىڭ 20 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلەر دېگىنىمىز، مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا ھەمدە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئوقۇش تارىخى تەربىيەسى ئېلىۋاتقان، شۇنداقلا ئەمگەك ئىقتىدارى بولماسلىق ۋە ياكى تولۇق ئەمگەك ئىقتىدارى بولماسلىقتەك غەيرىي سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغان قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     بۇ دېلوغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، شى X 18 ياشقا توشقان بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە كېلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ؛ شى X ساغلام بولۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى تامامەن يوقاتقانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلغاندا، شى X بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان. ئاتا – ئانىسىنىڭمۇ بېقىش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىش قانۇنىي مەجبۇرىيىتى يوق. گەرچە شى X تەلەپ قىلغان بېقىش ھەققى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلار ‹‹تۇرمۇش خىراجىتى، ئوقۇش خىراجىتى، داۋالىنىش خىراجىتى قاتارلىقلار››غا ئۇيغۇن بولسىمۇ، لېكىن بېقىش ھەققىدىن بەھرىلىنىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولغاچقا، شى Xنىڭ دەۋا تەلىپى قانۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

    ياڭ شۇخەن

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.